خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىش - خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى
2007.02.16
2000 - يىلى 4 - ئاينىڭ 6 – 7 - كۈنلىرى خىتاينىڭ مەركىزى بېيجىڭدا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى (گوۋۇيۈئەن بەنگۇڭتىڭ) 1999 - يىلى 85 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت يىغىنى چاقىرىلدى. مانا بۇ يىغىن دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىش پىلانىنىڭ رەسمىيلىشىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىدى.
شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىش ھەققىدە "خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى ھۆججىتى" دىكى مۇھىم قۇرلار
يىغىنغا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىش قارار قىلىنغان ئۆلكە ھەم شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرى بولۇپ يەتمىشچە ئادەم قاتناشتى.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ھەمدە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە تارقاتقان ئىچكى ھۆججىتىدە مەركەزنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ سىنىپى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر سىياسىي ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكى مۇنداق شەرھلەنگەن:
"ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىش، خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەخسۇس يىغىنى" دا ئېلىنغان قارار. مەركەزنىڭ بۇ ھەقتە 1996 - يىللىق 7 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە "2000 - يىلى 9 - ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق 12 شەھەردىكى 25 ئوتتۇرا مەكتەپ رەسمىي دەرس باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىش قارارى، غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، بۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى قوغداش، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ھەم تەرەققىياتنى مەقسەت قىلغان مۇھىم سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلان" دېيىلگەن.
شىنجاڭ سىنىپى ئېچىلغان ئۆلكىلەرمۇ مەركىزى بېيجىڭنىڭ بۇ سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئورۇنلاشنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە جىددىي ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىچكى ھۆججەتلىرىدە "مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىش ۋەزىپىسىنى بىزگە بېرىشى، بىزگە ئىشەنگەنلىكى، بىز بۇ سىياسىي ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئورۇنلىشىمىز شەرت. بۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى مۇھىم ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە" دەپ تەكىتلەنگەن.
سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە بىرىنچى ئورۇندا
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىنى ئېچىش خىزمىتىگە قۇيۇلىدىغان تەلەپلەر توغرىسىدا ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەم مائارىپ نازارەتلىرىگە تارقاتقان ھۆججىتىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى تاللىغاندا ھەمدە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، يەنى ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىش، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.
"ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىش، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، بۇ سىياسىيلىقى كۈچلۈك ھەر ساھەلەرگە چېتىلىدىغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ئالاھىدە سىياسەت بېكىتكەن. شىنجاڭ سىنىپلىرى ئالاھىدە خاراكتېرگە ئىگە كوللېكتىپ، شۇڭلاشقىمۇ ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللىغاندا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇش كېرەك، ئۇلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن قاتتىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىنتىزامچان، سىياسىي مەيدانى ئېنىق، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، كەلگۈسىدە دۆلەتكە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ".
بۇلاردىن باشقا شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا 90% ئاز سانلىق مىللەت 10% خىتاي نىسبىتىنى ساقلاش بىلەن تەڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى يىلدىن - يىلغا ئاشۇرۇپ 2007 - يىلىغا بارغاندا بەش مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تۆت يىل ئوقۇتۇش جەريانىدا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى بېشىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تىلى تەربىيىسى ۋە باشقا تەرەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئاساسلىق، شىنجاڭ تارىخى دەرسى ھەمدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسىنى مەركەز قىلىش بەلگىلەنگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقاتلار
گەرچە بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان خىتاي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا تەربىيىلەشنى ئانچە قارشى ئالماي، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتىگە گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان نامرات يېزا - قىشلاقلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى تاللاش، ھەقسىز ئوقۇتۇش قاتارلىق ئەۋزەل شارائىتلىرى ھەم تەشۋىقاتلىرى، كۆپ ساندىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2000 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئەۋەتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان. 2007 - يىلى يەنە بەش مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقچى.
خىتاينىڭ تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا بالىلىرىنى ئەۋەتىش قىزغىنلىقى ئالاھىدە ئۈستۈن بولماقتا، يىلدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن نەچچە ئون ھەسسە كۈپ بولماقتا دەيدۇ. چۈنكى ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا - ئانىلار ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ياردىمى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت دەپلا قارايدۇ خالاس. بىراق بۇ ساددا بىر مائارىپ سىياسىتى ياكى ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش پىلانى ئەمەس، ئاشكارىلانغىنىدەك سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلان.
ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىش ھەققىدە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان مەلۇمات ھەم تەشۋىقاتلىرىدا بولسا "بۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى قوللىغانلىقى، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىنغان ئالاھىدە سىياسىتى" دەپ ئېلىنىپ ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمايدۇ.
بىراق ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا تۇرۇپ مەركەزنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى بىڭتۇئەننىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئىچكى ھۆججىتىدە بولسا " ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىش، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى" دەپ شەرھىلەنگەن.
بۇ ھەقتە بىڭتۇئەننىڭ تور بېتىدە 2004 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تارقىتىلغان بىر ھۆججەتتە "بۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىلگىچە يۇقىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئاساسەن "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، تەبئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىپ خىتاي ھەم مىللىي مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى داۋاملىق بوشاشتۇرماسلىق" لارنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇزۇق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانى دېيىلگەن.
شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى نېمىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ؟
خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن 2005 - يىلى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېچىلغان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى كېڭەيتىش" يىغىنىدا "شىنجاڭ سىنىپلىرى سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسى بېرىشنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىش كېرەك" دېگەننى قايتا تىلغا ئېلىپ "مەملىكىتىمىز 2000 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەر، بۇ سىنىپلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيىسىدە سىڭىپ كىرىشنى مەقسەت قىلىپ كەلدى، شۇڭا ھازىرقىدەك مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتە شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن زۆرۈر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق، ماركىسىزم تەربىيىسى، دۆلەت پۈتۈنلۈكى تەربىيىسى ھەم تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى توساش كېرەك" دەپ جىددىي تەكىتلىگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىردەك، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىشنىڭ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى تىل، مائارىپ، ئۆرپ ئادەت ھەتتا ئىدىيە جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقى ئۈستىدىن داۋاملىق مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قۇل قىلىپ ئىشلىتىشتەك ياۋۇز مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان پىلان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئۆز يۇرتىدىن، مېھرىبان ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ پۈتۈنلەي ياد مۇھىتقا بېرىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ قەلبىدە بولسا پەقەت تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئوقۇشنى تاماملاپ ئاتا - ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىش، ياراملىق ئادەم بولۇپ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش، كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئارزۇلىرىغا يېتىشتەك ئارمانلار يوشۇرۇنغان. ئەمما ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپىدىن ئىبارەت ئالاھىدە سىياسىي خاراكتېرىنى ئالغان مۇھىتقا كېلىشى بىلەنلا ئۇچراۋاتقىنى خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك سىياسىي ئىستىراتېگىيىلىك پىلانىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن تۈگىمەس سىياسىي تەربىيىلەر.
ئۇنداقتا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنى يەنە نېمىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئېيتقاندەك "ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇش". ئۇنداقتا قانداق قايتۇرۇش كېرەك؟ ئوقۇغۇچىلار بۇنى بەلگىلىيەلەمدۇ؟ بەلگىلەش ھوقۇقىمۇ يوق، چۈنكى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنىچۇ؟..... (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇتىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- پىچان ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىسىدە قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ ؟
- پىچان ناھىيىسىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى
- ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ
- خىتاي ئۇيغۇرلاردىن "ئۈچكە ئېتىبار بېرىش" نى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايچە مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقچى
- قوش تىللىق مائارىپمۇ؟ خىتاي تىللىق مائارىپمۇ؟
- خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى ئوتتۇرا شەرق بەرپا قىلىش ئىش پىلانى
- ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىدا سۆزلەش تەشۋىقاتى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز مىللىتىگە قانداق مەنپەئەت ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە
- ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپتا جىددىي خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟
- ئېكىساق ھۆسەينىيە مەكتىپىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈن