ئىنتېرنېتتە ھازىر "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى (1)
2006.09.25
9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ 'ب ب س' نىڭ تور بېتىدە "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلانغان ئىدى. شۇ كۈنى، خىتاي مىللى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى چەكلىنىۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىنى ئېتىراپ قىلمىدى. باش ئورگىنى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارچە مىللەتكە 'جوڭخۇا مىللىتى' دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتىسىيە قىلىۋاتقانلىنىڭ پاكىتى' دەپ كۆرسەتتى.
بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمرانلىرىلا ئەمەس، ئىچىمىزدىن چىققان رەھبەرلەرمۇ جاۋابكار
جىلىندىن يېزىلغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر. ئالدى بىلەن ھازىر ھەممە كىشىنىڭ كۆزىگە ئوچۇق كۆرۈنگىنى شۇكى، خىتايدا ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقىتىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە بىزنىڭ دەۋرىمىزدە، بىزدەك مۇشۇ بىر ئەۋلاد ئادەم ياشاۋاتقان دەۋردە يۈز بەردى. بۇ، تارىختا بىز سادىر قىلغان بىر چوڭ جىنايەت دېلوسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ دەۋردە مىللىي مىراسلىرىمىز يوقالدىلا ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىمۇ سېتىۋىتىلدى. بۇ دېلونى سادىر قىلغۇچى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىلا ئەمەس، بۇنىڭدا ئىچىمىزدىن چىققان رەھبەرلەردىمۇ جاۋابكارلىق بار. مەسىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىدىغان سان كۆرسەتكۈچلىرىنى ھوقۇقى بار، پۇلى بار خىتايلار خالىغانچە ئىگىلىۋالىدۇ. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بۇنداق ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتىنى ئىچىمىزدىن چىققان رەھبەرلەر بىر قاپ تاماكا ياكى بىر ۋاق تاماققا سېتىۋىرىدۇ. ئەگەر ئۇلار قولىدىكى ھوقۇقنى ئىشلىتەلىسە، مىللىتى بۇنداق كۈنگە قالمىغان بولاتتى.
خىتايدىكى ھازىرقى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى - مىللەتلەرنىڭ ئۆز -ئارا بىرلىشىشى
لوندوندىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى 'ئاسسىمىلياتسىيە' دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتماي، ئۇنى مىللەتلەرنىڭ ئۆز -ئارا بىرلىشىشى دېگەن تۈزۈكرەك. مەسىلەن، مانجۇرلار ھازىر خىتايچە سۆزلىشىدۇ. خىتاي تىلىدا بولسا نۇرغۇنلىغان مانجۇرچە سۆزلۈكلەر ساقلىنىپ قالدى. مانجۇرلارنىڭ چىپاۋ دەپ ئاتىلىدىغان كېيىم-كېچەكلىرى، يېمەكلىك تۈرلىرى خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ساقلىنىپ قالدى. بۇ جەرياندا خىتاي مىللىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ھازىرقى خىتاي مىللىتىنى بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى خىتاي مىللىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ . بۇنىڭ ئۆزى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىشى. بۇنداق بىرلىشىش مىللەتلەر ئۆز - ئارا قىرغىنچىلىق قىلغاندىن ياخشى. ئۇنداق بولماي ئاز سانلىق مىللەتلەر يەنىلا ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە تۇرىۋەرسە بولامتى؟
تارىختا بۇنداق قەبىھ مىللىي سىياسەت قوللىنىلىپ باقمىغان ئىدى
توكيودىن يېزىلغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان تىل -يېزىق جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە بىرتەرەپكە يان باسىدىغان سىياسەت ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدىغان ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. ئىچكى موڭغۇلىيىدە ھەتتا خىتايچە، موڭغۇلچە ھەر ئىككى خىل تىلى تەڭ قوللىنىش، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بۇنداق ئىككى خىل تىلدا سۆزلەيدىغان بولۇش دەپ تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى، مەركىزى ھۆكۈمەت رەت قىلدى. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلىتىش ئۈچۈن، ئىچكىرىدىن خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىغاندا، بەزى موڭغۇللار ھەتتا ئۇلارغا يول قويۇش، ئەمما پەقەت كوكخوت قاتارلىق شەھەرلەردىلا ساپ موڭغۇللار تۇرىدىغان بىرنەچچە رايوننى بەرپا قىلىپ يەرلىك مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئۇنىمۇ مەركىزى ھۆكۈمەت رەت قىلدى. بەلكى بۇ موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا خىتاي تىلىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. تارىختا مانجۇرلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 300 يىل ئىچىدە بۇنداق قەبىھ مىللىي سىياسەت قوللىنىلىپ باقمىغان ئىدى. مانجۇر پادىىشاسى موڭغۇللار تۇرىدىغان رايونلارغا بارسا، موڭغۇل بەگلىرى بىلەن مولغۇلچە سۆزلىشەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۈن جۇڭسەن، ماۋزېدۇڭلار ئۆزلىرى موڭغۇلچە تىل ئۆگىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئىچكى موڭغۇلىيىدە خىتاي تىلىنى يەرلىك ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بەلگىلىدى. موڭغۇللار بولسا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، پەقەت ئۆز يۇرتىدا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى. موڭغۇل خەلقى بۇ قالاق تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا ناھايىتى كۆپ زېھىن - كۈچىنى سەرپ قىلىشقا توغرى كەلدى. موڭغۇللار ئۈچۈن بۇ قالاق مىللەتتىن ھالقىپ ئۆتمەي تۇرۇپ دۇنيادىكى ئىلغار مەدىنىيەتلەرنى ئۆگىنىشكە پۇرسەت بولمىدى. ئەگەر كانادانىڭ كۈبېك شىتاتىدىكىدەك ئەركىن تىل سىياسىتى قولغا قويۇلغان بولسا ئىدى، ئىچكى موڭغۇلىيىدە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. قائىدە بۇيىچە بولغاندا، موڭغۇللار بىلەن خىتايلار ئېنگلىز تىلىدا سۆزلەشسە ئاندىن مۇۋاپىق بولاتتى. ھازىر بىز ئۈچۈن خىتايچىنى بىلىش ياشاشنىڭ بىرىنچى شەرتى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۆزى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىق. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش" دېگەن ئۇيغۇر خەلقىغە مەجبۇرىي تېڭىلغان سىياسىي ھەرىكەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈلگىسىنىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىي تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلماقتا
- د ئۇ ق: شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرقى شارائىتتا خىتاي بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس
- "شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق..." دىكى "ئۇيغۇر" قېنى؟
- ئۇيغۇر مەسىلىسى- مىللى مەسىلە شۇنداقلا دېموكراتىيە مەسىلىسىدۇر
- خىتاي ھۆكۈمىتى تاۋار ماركىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى كەمسىتمەكتە