ئىنتېرنېتتە ھازىر "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى (2)


2006.09.26

9 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنىدىن باشلاپ 'ب ب س' نىڭ تور بېتىدە "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلانغان ئىدى. شۇ كۈنى، خىتاي مىللى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، مەدەنىيىتى چەكلىنىۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ھازىر ئىنتېرنېتتە داۋاملىشىۋاتقان مۇنازىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، دېگەن قاراش غالىپ ئورۇندا تۇرماقتا.

خىتايدىكى 'ئاپتونومىيە' مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ئامىل بولۇپ قالدى

ياپونىيىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھازىر قوللىنىلىۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىدە ئادالەت دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. خىتايدىكى 'ئاپتونوم رايونى' دېگەن تۈزۈلمە نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتالايدىغان ئورگان ئىدى. لېكىن ھازىر خىتايدىكى ئاپتونومىيىلەر 21 ‏- ئەسىردە مىللىي توقۇنۇش، ئۇرۇش پەيدا قىلىدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ ھازىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يۈزلىنىش.

تارىختا 'خەنزۇ' دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەت بولغان ئەمەس

لياۋنىڭدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى قوللىنىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. مەسىلەن ، 'خىتايچە ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش' دېگەن شۇئار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل -يېزىقىنىڭ يوق قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ شۇئار ئاستىدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش كۈچەيتىلدى، ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا دەرس ئۆتۈشىگە ئەھمىيەت بېرىلمىدى، ھەتتا مەقسەتلىك ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل -يېزىقى قوغدالمىدى. 'خىتايچە ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش' دېگەن شۇئار بىلەن تەڭلا 'چوڭ خىتايچىلىق ' غالجىرلاشتى. چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى تارىخ يېزىش، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم- كېچەك قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ قوزغىتىلدى ۋە ئالدى بىلەن 'خىتايچە كېيىم شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش' ئارقىلىق پەيدا بولدى. بۇ جەرياندا بەزى غالجىرلاشقان كىشىلەر 'پەقەت خەنزۇ مىللىتىلا جۇڭگونىڭ خوجايىنى' ، ئاز سانلىق مىللەتلەر پارازىتلار، بۇنداق پارازىتلارنى قىرىپ تاشلاش كېرەك، دەپ جار سالدى. راستىنى ئېيتقاندا، تارىختا 'خەنزۇ' دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەت بولغان ئەمەس، بۇ بىر سىياسىي ئاتالغۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە، ھۆكۈمەت خەلققە قارىتا قوللانغان نادانلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى. ھۆكۈمەت ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ ئاتالغۇغا قارشى چىقىشىغا يول قويمىدى. ھۆكۈمەت مۇشۇنداق شارائىتتا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى خەنزۇلارنىڭ تارىخى قىلىپ بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ يازدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى قورال كۈچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىۋاتىدۇ

تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، تىبەتتە مىللەتلەرنىڭ ئۆز -ئارا بىرلىشىشى دېگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى قورال كۈچى بىلەن زورلۇق ئىشلىتىپ مۇستەملىكە قىلىۋاتىدۇ. تىبەتتە تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئەركىن تاللاش، سىياسىي جەھەتتە تەڭ باراۋەر تۇرۇپ مەسلىھەتلىشىش ۋە قارار چىقىرىشقا قاتنىشىش ھوقۇقى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىكلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، قېيىن-قىستاققا ئېلىپ جازالىدى. ھازىر يەنە ھەرخىل ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ تىبەتلىكلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىكنىڭ نورمالسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. ھازىر يەنە 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، بۇ ئارقىلىق تىبەتنى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ھازىر تىبەتتە بولۇۋاتقان ئىشلارنى تەسۋىرلىسە، ئۇ خۇددى بىر قوشنا دۆلەت ئەسكەر ئەۋەتىپ تىبەتلىكنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىسىنى ئۆلتۈرۈپ، بالىلىرىنى سەرسان قىلىپ، مال - مۈلكىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ، ئەمدى تىبەتلىككە 'بۆلۈنۈپ كېتىشكە رۇخسەت يوق' دەۋاتقانغا ئوخشايدۇ. بۇنى قانداقمۇ 'مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىشى' دېگىلى بولسۇن؟

ئاز سانلىق مىللەتلەر 'تاشقا ئايلانغان جىسىم' ئەمەس

تيەنجىندىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، راستىنى ئېيتقاندا، خىتايدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەر 'جۇڭگولۇق' ئەمەس، تېبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئەزەلدىن تارتىپ 'خەنزۇ' دېگەن بۇ مىللەت ئاسسىمىلياتسىيە قىلالىغان ياكى يۇقۇتالىغان مىللەتلەر ئەمەس. ھازىر دۆلىتىمىزدە بۇ مىللەتلەر خەنزۇ مىللىتىگە قارىغاندا ئاجىز . ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالىمەن دېسە ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەتلەر 'تاشقا ئايلانغان جىسىم' ئەمەس ياكى تىزىپ قويىدىغان 'ئەۋرىشكە' ئەمەس. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇش شەكلىنى تاللىۋېلىش ھوقۇقى بار، ئۇلارمۇ قارشىلىق كۆرسىتەلەيدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.