ئاتا ـ ئانىلارنى قاقشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھ
2008.02.05
ئۇيغۇرلار ئاتا - ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى دۇنيادا ھەممىدىن مۇقەددەس بىلىدىغان خەلق. چۈنكى بالىلاردا ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەقلىرى كۆپتۇر. پەرزەنتلەر تەرىپىدىن ئاتا ـ ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ قويىدىغان ياكى ئۇلارنى رەنجىتىپ قويىدىغان ھەر قانداق سۆز ـ ھەرىكەتلەرنىڭ سادىر بولۇشى ئاتا ـ ئانىلارنى قاقشاتقانلىقتۇر. ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
ئاتا - ئانىغا بويسۇنۇش پەرزدۇر
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئاتا - ئانىغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇتلەق زۆرۈر ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئاتا- ئانىلارغا بويسۇنۇش پەرزدۇر. ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشتا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. شەرىئەت ئىستېمالى بۇيىچە ئېيتقاندا، پەرزدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاتا ـ ئانىلار ئېھتىياج ياكى زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن بالىلىرىنى نەپلى (ئىختىيارى) ياكى پەرز كۇپايە بولغان ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشكە زورلىغان ھالدىمۇ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش لازىم.
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا ـ ئانىلارنى قاقشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھى كەبىرىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. كىشى قانچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىپ، ئاللاھقا شۇنچە سادىق بولسىمۇ، ئاتىسىنى ياكى ئانىسىنى قاقشاتقان ئىكەن، ئۇ، ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا" دېگەن.
ئاتا - ئانىنى قاقشىتىش كەچۈرۈلمەس گۇناھتۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالا پۈتۈن چوڭ گۇناھلارنىڭ جازاسىدىن خالىغىنىنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ، پەقەت ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقاننىڭ جازاسىنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، مۇشۇ دۇنيادىلا ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ." (بەيھەقىي رىۋايىتى)
مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئاتا - ئانىنى قاخشىتىشنىڭ گۇناھى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقاننىڭ گۇناھى توغرىلىق كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر. دۇنيادا ئەڭ كەچۈرۈلمەس، ئېغىر گۇناھ شېرىك بولسا، شېرىكتىن كېيىنلا ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشىتىشنىڭ گۇناھى كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ( يەنى شېرىك كەلتۈرمەستىن) ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشڭلارنى تەۋسىيە قىلدى."
ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقانلار ئۇنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرىدۇ
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قانداق ئېغىر گۇناھلارنىڭ جازاسى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، زۇلۇم (يەنى ھەقسىزلىق) نىڭ جازاسى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگىنى يوق. ئاتا ـ ئانىنى قاقشىتىش ئۇلارغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر.
يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى تەۋراتتا ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: "ئەي مۇسا! ئاتا ـ ئاناڭنى ھۆرمەتلىگىن. كىمكى ئاتا ـ ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ، كىمكى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشىتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى قاخشىتىدىغان شەقى بالا ئاتا قىلىنىدۇ." (تەۋرات)
بۇ ماۋزۇدىكى ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشى دېمەكتۇر. مەسىلەن: ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىلگەن كىشىلەر، گەرچە ئاز ئۆمۈر كۆرسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر ھاسىل قىلالمىغان ياخشىلىقلارغا ۋە دۇنيانىڭ لەززەتلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە دۇنيادىن ئارمىنى قالمايدۇ، ئەمما ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىلمىگەن كىشىلەر، گەرچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ئۆمرىگە لايىق دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىغا ۋە ئارمانلىرىغا ئېرىشەلمەستىن، بەلكى ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئۆمرى قىسقا بولىدۇ دېگەنلىكمۇ ـ ئۆمرى بەرىكەتسىز بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. (ئۆمەرجان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەپۇچانلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر
- بىراۋنىڭ رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەستىن ياخشىلىق قىلىش گۈزەل ئەخلاقتۇر
- ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقتۇر
- ئۇيغۇرلاردا سۆيگۈنىڭ قىممىتى
- ئۇيغۇرلاردا بارائەت كېچىسى پائالىيەتلىرى
- ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت قەدرى
- ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى
- ئۇيغۇرلاردا بالىلارنى تەربىيىلەش ئۇسۇلى
- ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش ئەنئەنىسى
- ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق تۇغقانلىق ئادەتلىرى









