ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقتۇر

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن ۋاپادار مىللەت. ئۇلار ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى بىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاپادارلىق خىسلىتى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا بولغان كۆيۈمچانلىقى ۋە تەڭداشسىز ئىخلاسىدىن چىقىپ تۇرىدۇ.

ئاتا - ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بالىلارنىڭ بۇرچىدۇر

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەش پۈتۈن ئىنسان ئۇرۇقىنىڭ ئۇنىڭدىن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەڭگۈلۈك بۇرچىدۇر. چۈنكى ئاتا - ئانا بالىلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ۋە ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان كىشىلىرىدۇر. دۇنيادا بالىلار ئۈچۈن ئاتا - ئانىلاردىنمۇ مېھرىبان، پىداكار ۋە كۆيۈمچان كىشىلەر يوقتۇر. شۇڭا بالىلار قانچە قىلسىمۇ ئۈستىدىكى ئانا - ئانا ھەقلىرىنى قەتئىي تۆلەپ بولالمايدۇ. ئاتا - ئانىسى ياشىنىپ قالغاندا ئۇلارنى باقمايدىغانلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلىدىغان ۋە قارغىشلارغا ئۇچرايدىغان بەختسىزلەردۇر. ئاتا - ئانىسىنى باققانلارنى بالىلىرىمۇ باقىدۇ. چۈنكى "بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم "دۇر.

ئاتا ئانىغا ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ياخشىلىق قىلىش كېرەك

مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئاتا - ئانىغا ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەرزلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:" ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: 'بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، سەلىمە قەبىلىسىدىن بىر ئادەم كېلىپ 'يارەسۇلەللاھ! ئاتا ئانامغا قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىقلاردىن ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بارمۇ؟' دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، 'ئەلۋەتتە بار، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەش، ئۇلارنىڭ ئەھدىلىرىنى يۈرگۈزۈش، ئۇلار ئارقىلىق قىلىنىپ كەلگەن رەھىملەرنى داۋام قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ بىللە ئۆتكەن دوست بۇرادەرلىرىنى ھۆرمەت قىلىش' دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ھەدىستىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلغان مېھنەتلىرىنى ئۇلارغا قانچىلىك ياخشىلىق قىلىپمۇ ئادا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بالىلارنىڭ گەدەنلىرىدە ئۇلارغا دۇئا قىلىش، گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكىنى تىلەش، ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا دوست بولۇپ ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ھەقلەرنىڭ قالىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ئېنىق بىر ھەقىقەتتۇر."

ئاتا - ئانا مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش كېرەك

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، قۇرئان كەرىم ئاتا ئانىلارنىڭ قەدرىنى شۇنچىلىك كۆتىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى شۇنچىلىك قەدىرلەيدۇكى، ھەتتا ئۇلار كاپىر، مۇشرىك بولغان تەقدىردىمۇ، بالىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر ئاتا ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشىلىق قىلغىن."

شۇنىڭ ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئاتا ئانىسى ئەگەر كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان بارلىق ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشى، خىزمەتلىرىنى قىلىشى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان قەرزدۇر.

ئانىنىڭ ھەققى ئاتىنىڭ ھەققىدىن چوڭدۇر

ئانىلارنىڭ بالىلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى ئاتىنىڭ ھەقلىرىدىن كۆپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلارنىڭ ھەقلىرى ئۇلارنى ئادا قىلىش جەھەتتە، ئاتىلارنىڭ ھەقلىرىدىن ئەۋزەل ۋە ئاۋۋالقى ئورۇندا تۇرۇشقا تېگىشلىك. چۈنكى ئانىنىڭ بالىسىنى قۇرسىقىدا كۆتىرىپ، تۇغۇپ، ئېمىتىپ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇش جەريانىدا چەككەن جاپا مۇشەققەتلىرى، ئاتىنىڭ ئائىلىنىڭ كەملىرىنى بار قىلىپ، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن چىقىش يولىدا چەككەن مېھنەتلىرىدىن ئەلۋەتتە ئېغىر ۋە كۆپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئانىلارنىڭ بالا تۇغۇپ چوڭ قىلىش يولىدىكى مېھنەتلىرىنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى ئاتىلارنىڭ ھەقلىرىدىن ئاۋۋالقى ئورۇندا قويدى ۋە پەرزەنتلەرنىڭ بۇ ھەقلەرنى ئۆز يولىدا، تولۇق ئورۇندىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى رىۋايەت قىلىنغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، "يا رەسۇلىللاھ! ياخشىلىق قىلىشىم ئۈچۈن ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىم كىم؟" دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، "ئاناڭ" (يەنى ياخشىلىق قىلىشىڭغا ئەڭ ھەقلىق كىشىنىڭ ئاناڭ) دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئادەم، "ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟" دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە، "ئاناڭ" دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇ ئادەم يەنە، "ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟" دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە "ئاناڭ" دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇ ئادەم يەنە، "ئۇنىڭدىن قالسا كىم؟" سورايدۇ، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "ئاتاڭ" دەپ جاۋاب بېرىدۇ." (ئۆمەرجان)