ئۇيغۇرلار ئاتا - ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى دۇنيادا ھەممىدىن مۇقەددەس بىلىدىغان خەلق. چۈنكى بالىلاردا ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەقلىرى كۆپتۇر. پەرزەنتلەر تەرىپىدىن ئاتا ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ قويىدىغان ياكى ئۇلارنى رەنجىتىپ قويىدىغان ھەرقانداق سۆز ھەرىكەتلەرنىڭ سادىر بولۇشى ئاتا ئانىلارنى قاقشاتقانلىقتۇر. ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
ئاتا - ئانىغا بويسۇنۇش پەرزدۇر
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئاتا - ئانىغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇتلەق زۆرۈر ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: "ئاتا- ئانىلارغا بويسۇنۇش پەرزدۇر. ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ھەرقانداق ئىشتا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. شەرىئەت ئىستېمالى بويىچە ئېيتقاندا، پەرزدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاتا ئانىلار ئېھتىياج ياكى زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن بالىلىرىنى نەپلى (ئىختىيارى) ياكى پەرز كۇپايە بولغان ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشكە زورلىغان ھالدىمۇ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش لازىم.
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا ئانىلارنى قاقشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھى كەبىرىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. كىشى قانچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىپ، ئاللاھقا شۇنچە سادىق بولسىمۇ، ئاتىسىنى ياكى ئانىسىنى قاقشاتقان ئىكەن، ئۇ، ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا" دېگەن.
ئاتا - ئانىنى قاقشىتىش كەچۈرۈلمەس گۇناھتۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالا پۈتۈن چوڭ گۇناھلارنىڭ جازاسىدىن خالىغىنىنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ. پەقەت ئاتا ئانىسىنى قاخشاتقاننىڭ جازاسىنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، مۇشۇ دۇنيادىلا ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ." (بەيھەقىي رىۋايىتى)
مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئاتا - ئانىنى قاخشىتىشنىڭ گۇناھى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: " ئاتا ئانىسىنى قاخشاتقاننىڭ گۇناھى توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر. دۇنيادا ئەڭ كەچۈرۈلمەس، ئېغىر گۇناھ شېرىك بولسا، شېرىكتىن كېيىنلا ئاتا ئانىسىنى قاخشىتىشنىڭ گۇناھى كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ( يەنى شېرىك كەلتۈرمەستىن) ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى."
ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقانلار ئۇنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرىدۇ
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرقانداق ئېغىر گۇناھلارنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، زۇلۇم (يەنى ھەقسىزلىق) نىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگىنى يوق. ئاتا ئانىنى قاقشىتىش ئۇلارغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىتەۋراتتا ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: "ئى مۇسا! ئاتا ئاناڭنى ھۆرمەتلىگىن. كىمكى ئاتا ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ، كىمكى ئاتا ئانىسىنى قاخشىتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقىرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى قاخشىتىدىغان شەقى بالا ئاتا قىلىنىدۇ." (تەۋرات)
بۇ ماۋزۇدىكى ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشىدىن مەقسەت، ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى دېمەكتۇر. مەسىلەن: ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىلگەن كىشىلەر، گەرچە ئاز ئۆمۈر كۆرسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر ھاسىل قىلالمىغان ياخشىلىقلارغا ۋە دۇنيانىڭ لەززەتلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە دۇنيادىن ئارمىنى قالمايدۇ، ئەمما ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىلمىگەن كىشىلەر، گەرچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ئۆمرىگە لايىق دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىغا ۋە ئارمانلىرىغا ئېرىشەلمەستىن، بەلكى ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئۆمرى قىسقا بولىدۇ دېگەنلىكمۇ ئۆمرى بەرىكەتسىز بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. (ئۆمەرجان)