ئالتايدىكى قېيىن دەرىخى بوز يەر ئېچىش سەۋەبىدىن قۇرۇپ كەتتى

خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىندا، پەقەت ئالتاي ۋىلايىتىدىلا ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى 160 تۈپ ياۋا شور قېيىن دەرىخىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېيىنلار شۇ يەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قېيىنزارلىق ئەتراپىدا بوز يەر ئېچىپ، قېيىنزارلىقنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبلىك قۇرۇپ كەتكەن ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.15
Attaydiki-qeyin-derixi-baghchisi-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﺍ، http://bbs.tiexue.net ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://bbs.tiexue.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قېيىن دەرىخى ئىنگلىزچە "white Birch Tree" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سىبىرىيە، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى، موڭغۇلىيە ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقالغان ئىكەن.

ئالتاي ۋىلايىتىگە تارقالغان ياۋا شور قېيىن دەرىخى، قېيىن دەرىخى ئائىلىسىدىكى شورلۇقتا ئۆسۈشكە چىداملىق، تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى %1.74 تىن يۇقىرى شور تۇپراقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان بىردىنبىر قېيىن ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىغا ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە . بۇ دەرەخ پەقەت ئالتاي رايونىدىلا ساقلىنىپ قالغىنى ئۈچۈن، دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدىكەن. خىتايدىمۇ 1984 - يىلى ياۋا شور قېيىن دەرىخى 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان دەرەخ دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما بۇ يىل 2010 - يىل كۈز پەسلىگە كەلگەندە، يەرلىك ئالتايلىقلار "ئاق قېيىن" دەپ ئاتىشىدىغان بۇ دەرەخنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 160 تۈپىمۇ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، "كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۈنۈملۈك قوغدالمىغانلىقتىن ھەم بۇلتۇر قىش ۋە بۇ يىل ئەتىيازدىكى قېلىن قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئالاقاق يېزىسىدىكى تۇز كۆل بويىدا ئۆسكەن ئەڭ ئاخىرقى 160 نەچچە تۈپ ياۋا شور قېيىن دەرىخىنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كەتكەن."

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسى ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەن مۇخبىرغا سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بۇ ئورۇننىڭ خادىملىرىنىڭ ئالاقاق يېزىسىدىكى تۇز كۆلگە بېرىپ ياۋا شور قېيىن دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنلىكىنى، ئۆتكەن يىللارنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدە شور قېيىن ئورمانلىقى ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بولسا، بۇ يىل قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن بىر پارچە قېيىن ئورمانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قۇرۇپ كەتكەن ياۋا شور قېيىن دەرىخى ئالاقاق يېزىسىدىكى تۇز كۆلنىڭ جەنۇب ، شىمال ئىككى قىرغىقىغا تارقالغان. ياۋا شور قېيىنزارلىقىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىنلا ئاز بولۇپ، خىتاينىڭ ئالتاي رايونىغا جايلاشقان 10 ‏- دېۋىزىيىسىنىڭ قېيىنزارلىق ئەتراپىدا كۆپلەپ بوز يەر ئېچىشى، دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشى نەتىجىسىدە ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىغا كەلگەندە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بالباغاي يېزىسىدىكى قېيىنزارلىق يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان. 1984 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالتايدىكى ياۋا شور قېيىن دەرىخىنى دۆلەت بويىچە قوغدىلىدىغان 2 - دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك دەپ ئەنگە ئالغان. ئەمما قوغداش تەدبىرلىرى ياخشى بولمىغىنى ئۈچۈن ، قېيىنزارلىق كۆلىمى بارغانچە تارىيىپ، 1996 - يىلغا كەلگەندە 400 تۈپ دەرەخ ساقلىنىپ قالغان.

 ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قېيىنزارلىق ئەتراپىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشى سەۋەبلىك، قېيىنزارلىقنىڭ بىردىن -بىر سۇ مەنبەسى بولغان تۇز كۆلنىڭ سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ، تۇز كۆلگە تايىنىپ ئۆسۈۋاتقان قېيىنزارلىقتىكى دەرەخ سانى 160 تۈپكە چۈشۈپ قالغان. بۇلتۇر قىش بۇ يىل ئەتىيازدا، ئالتاي ۋىلايىتىدە ياغقان قېلىن قار ئېرىگەندىن كېيىن، ئالاقاق يېزىسىدىكى تۇز كۆلنىڭ سۈيى قايتا ئۆرلىگەن. نەتىجىدە قېيىنلار سۈمۈرۈۋالىدىغان تۇز مىقدارىمۇ زىيادە كۆپىيىپ كەتكەن. قېلىن قار ، ئۇزاققا سوزۇلغان تۆۋەن تېمپېراتۇرا ، ئۇزۇن مەزگىل شور سۇغا چىلىشىپ قېلىش قاتارلىق ئامىللار ئەڭ ئاخىرقى 160 تۈپ ياۋا شور قېيىن دەرىخىنىمۇ پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتكەن.

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، تەڭرىتاغ تورىدىكى خەۋىرىدە ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ياۋا شور قېيىنزارلىقىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ 1996 - يىلى قېيىنزارلىقتىن باشقا جايغا يۆتكەش ئارقىلىق 6 تۈپ قېيىن دەرىخىنى ساقلاپ قالغانلىقى زور نەتىجە سۈپىتىدە ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ كادىرى ۋاڭ جيەننىڭ ئاغزىدىن: "ھېلىمۇ ياخشى، 1996 - يىلى ئالتاي ئورمانچىلىق تارماقلىرى ياۋا قېيىنغا قارىتا يۆتكەپ قوغداش ئېلىپ بارغان. ھازىر، ئالتاي ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك بايلىقى بېغىغا يۆتكەلگەن ئالتە تۈپ شور قېيىن دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ھازىر ئالتە مېتىردىن ئاشتى" دەپ بايان قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.