خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدە 1964- يىلى 16- ئۆكتەبىر خىتايدا تۇنجى ئاتوم سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردۇق دەپ ئىلان قىلغاندىن كىيىن، 1996- يىلغا قەدەر 46 قېتىم يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ، ئۇيغۇر ئېلى خەلقلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي 1967- يىلى 17- ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋودورود بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ،مانا بۇنىڭغا 40 يىل بولدى.
مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم ياكى ۋودورود بومبا سىنىقى بولسۇن ھەر ئىككىلا خىل بومبىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسى تەسىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل غەلىتە كېسەللىكلەر ۋە راك بىمارلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. ئاتوم ۋە ۋودورود بومبىلىرى پارتلاپ قىرىق يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت ئەھۋالى قايسى ئەھۋالدا؟
خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە 46 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان
خىتاي 1964 - يىلى تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىنىغاندىن كىيىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 1967 - يىلى 17 - ئىيۇن تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى سىناق قىلغان ئىدى.
خىتايلار ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن رايونىنىڭ ئۇششاقتال ۋە كۈمۈشلەرنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە تولۇق يېپىق ھالەتتىكى بىر شەھەرچە- مالەن شەھىرىنى بەرپا قىلغان. خىتايلار بۇ شەھەرنى 1960- يىلىدىن باشلاپ قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ شەھەرگە خىتاينىڭ يادرو ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى، ئىشچىلار، تەتقىقاتچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ھەربىي قوشۇن بولۇپ نەچچە يۈز مىڭ نوپۇس كۆچۈرگەنلىكى مەلۇم.
1964-يىلىدىن باشلاپ 1996- يىلى خىتاي يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى چەكلەش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغىنىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر سىناق مەيدانىدا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى سىناقلىرى بولۇپ 46 قېتىم سىناق ئېلىپ بارغان. ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان، ئەمما ئۆز نام - شەرىپنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان سىناقلارنىڭ سانى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئېلان قىلغان بۇ سانلار پەقەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان سىناقلارنىڭ قېتىم سانىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەغلۇپ بولغان سىناقلىرىنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ سەۋەب بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەرخىل غەلىتە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھەتتا بەزى كېسەللەرگە دوختۇرلۇق ساھەسىدە دىئاگنوز قويغىلى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا كەسكىن رەۋىشتە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىدە تاكى 1996- يىلىغا قەدەر ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاتوم سىنىقىدىن كېلىپ چىققان يادرو رادىئاكسىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگىلا ئەمەس بەلكى قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تەھدىت سېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدە يادرو رادىئاكسىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىگە بەلكىم 100 يىللاپ ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىكەن
بۇرۇن بىر گۇرۇپپا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يادرو رادىئاكسىيەلىشىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھازىر ئەنگلىيىدە ياشاۋاتقان دوختۇر ئەنۋەر ئەپەندى، يادرو رادىئاكسىيەسىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتوم رادىئاكسىيىسى دەرىجىسىنىڭ ياپونىيىنىڭ خىروشىما ئارىلىنىڭكىدىن 300 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە گەرچە خىتايلار ئاتوم سىنىقىنى ھازىرچە توختاتقان بولسىمۇ، يادرو رادىئاكسىيەسىنىڭ تۇپراق ۋە ھاۋا قاتلاملىرىدىكى قالدۇقلىرى يەنە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە مېۋە - چىۋىلەرگە، زىرائەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ خەلقنىڭ ھاياتىغا ئۈزلۈكسىز تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يادرو رادىئاكسىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىگە بەلكىم 100 يىللاپ ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇرۇن راك كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتقان، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىي، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە راك كېسەل بىمارلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك كۆپەيگەنلىكىنى ئۆز ناھىيە تەۋەسىدە بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ 6 - 7 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)