خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 1964- يىلى تۇنجى ئاتوم بومبىسى پارتلاتقاندىن بۇيان ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ لوپنۇر سىناق مەيدانىدا 46 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت ۋە ئېكولوگىيىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتايلار يەنە، 1967- يىلى 17 - ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلىدە، يادرو رادىئاكسىيىسى ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدىغان ۋودورود بومبىسىنى پارتلاتقان بولۇپ، مانا بۇنىڭغا 40 يىل بولدى.
بۈگۈن يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتوم رادىئاكسىيەسىنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە بىر بۆلەك چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى باشلاپ بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتوم رادىئاكسىيىسى ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھازىر ئەنگلىيىدە ياشايدىغان دوختۇر ئەنۋەر توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتايلار، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتوم سىناشنى 1996- يىلى توختاتتۇق دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو داشقاللىرىنى لوپنۇر رايونىغا كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش بەدىلىگە پۇل تېپىۋاتقان بولۇپ، كۆمۈلگەن يادرو داشقاللىرىمۇ يەنىلا كۈچلۈك يادرو رادىئاكسىيىسى پەيدا قىلالايدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ دوختۇر ئەنۋەر توختى ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.