خىتاي ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايرىم ھالدا، لوپنور ۋە شەمەيدە ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا

0:00 / 0:00

سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي دۇنيادا ئۇزۇن مەزگىل ئاتوم سىناقلىرى ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۆتكەن ئەسىردە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قازاقىستاننىڭ شەمەي ۋىلايىتىدە ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لوپنور رايونى خىتاينىڭ ئاتوم سىناق مەيدانىغا ئايلانغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي لوپنوردا كۆپ قېتىم يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى سىناقلىرى ئېلىپ بېرىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە ئادەملەرنىڭ تەن-سالامەتلىكىگە ئېفىر بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقى خەلقئارا جەمىيەت تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا ئىككى رايوندىكى ئاتوم سىناقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.