ئاۋىستىرالىيەدىكى ماجىرا ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

خەلقئارا مەتبۇئاتلار، ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئەرەبلەر بىلەن ئاۋسترالىيىلىك ئاقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، جېدەلنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سىدنېي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىگە تېلېفۇن ئۇردۇق. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ ۋەقە خەۋەرلەردە ئېيتىلغىنىدەك ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس ئىكەن، ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.