ئاۋسترالىيىدە، ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى


2007.04.09

ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكىنى تەشكىللىگەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى ھۆسەن ئەپەندى بۇ قېتىم سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيىنىڭ ئادالھايد، مىلبورن ۋە سىدنېي قاتارلىق ئۈچ چوڭ شەھىرىدە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدا ئۇيغۇر ياشلار مەشرىپىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكىنى لەنەتلەش ۋە 1997‏- يىلى فىۋرال ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىنى شاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكىگە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، لورى فوگىسۇن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، ساز-مۇزىكىسى، ناخشا-ئۇسۇللىرى بىلەن كۆپ مىللەتلىك ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە يېڭى بىر مەدەنىي بايلىق قوشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكىگە قاتناشقان سىدنېي رايونلۇق شەھەر باشلىقى باربارا فېرى خانىم، كېچىلىكتە قىلغان سۆزىدە، "بۈگۈنكى سورۇنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئادالھايد ۋە مىلبورن شەھەرلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۈپىنچىسىنىڭ ياشلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى مېنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كىلەچىكىدىن ئۈمىدلەندۈردى. بۈگۈنكى سورۇنغا قاتناشقانلارنىڭ 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ياشلار، مەن بۇنى كۆرۈپ روھلاندىم. سىلەرنىڭ داۋايىڭلار ئاقساپ قالمايدىكەن" دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۆسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخى يېقىندىلا ئاۋسترالىيىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئورۇنلىغان ئويۇنلىرى ۋە ناخشا-ئۇسۇللىرى بىلەن ئۇيغۇر كېچىلىكىگە قاتناشقانلارنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىدا سىدنېي ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول كوماندىسى ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، چېمپىئونلۇق لوڭقىسىنى ئالغان. ئىككى مىڭ دوللارغا تەييارلانغان لوڭقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ئەپەندى تەرىپىدىن سىدنېي ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانىغا تەقدىم قىلىنغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.