"ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" نىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

ئەنگىلىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جوھن خوۋارد 11 ‏- مارت كۈنى ياپونىيىگە قاراتقان رەسمى زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. "شىنخۇا ئاگېنتلىقى"نىڭ 13 ‏- مارت كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جوھن خوۋارد بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزوئابې توكيودا "ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" ئىمزالىغان. بۇ ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا يەنە بىر دۆلەت بىلەن تۈزگەن ئىككىنجى بىخەتەرلىك كېلىشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر، بولۇپمۇ خىتاي بۇنىڭغا ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلماقتا.

ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ كېلىشىمنىڭ ئۆزى بىر ئالاھىدە ۋەقە

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە بۇ كېلىشىمنىڭ تېكىستى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رولى، ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. قىسقىسى، بۇ كېلىشىم خۇددى ياپونىيىدەك بىر دۆلەت ئۈچۈن، يەنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھازىر چەتئەل بىلەن يەنە بىر بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر ئالاھىدە ۋەقە. ياپونىيە 1950 ‏- يىلى ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. 1960 ‏- يىلىغا كەلگەن، بۇ كېلىشمنىڭ مەزمۇنىغا مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە يەنە بەزى يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى. ھازىر ياپونىيە ئامېرىكىدىن باشقا يەنە بىر دۆلەت بىلەن )ئاۋسترالىيە بىلەن( بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ قېتىم ئىمزالانغان كېلىشىم ياپونىيىنى مۇداپىلىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ ئەركىن دائىرىگە ئېلىپ كىرىدۇ. مەسىلەن: بۇ قېتىم ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى بۇيىچە، ياپونىيە پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىقنى ساقلاش ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە باشقا دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يېقىندىن ھەمكارلىشالايدۇ.

"ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" ياپونىيىلىكلەرنى خىتايدىن ئەندىشە قىلىشتىن خالاس قىلدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، "ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى"نىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ياپونىيە بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋسترالىيىنىڭ ھەربى قىسىملىرى بىلەن تىنچلىقىنى ساقلاش، ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈش، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردا قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىش، بولۇپمۇ ئاىسيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشالايدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ياپونىيىنىڭ ئىراققا ئەۋەتكەن تىنچلىقنى ساقلاش قوشۇنى ئاۋسترالىىينىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەمدى بۇ قېتىم ئىمزالانغان "ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئاچتى. بۇ كېلىشىم ئىمزالاغاندا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جوھن خوۋارد "ياپونىيە بىزنىڭ بۇ رايوندىكى ئەڭ يېقىن دوستىمىز" ، "ئەمدى ياپونىيە ھەربىي قىسىملىرى ئاۋسترالىيە توپرىقىدا ھەربىي مەشققە قاتنىشالايدۇ" دەپ جاكارلىغان. ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ ھەدەپ ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقى ياپونىيىلىلەرنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى. ئەمدى بۇ قېتىم ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى ياپونىيە خەلقىنى بۇ ئەندىشىىدىن خالاس قىلغان.

شىنزوئابې ھازىر يەنە "تۆرت دۆلەت بىرلىكى" قۇرۇش لازم، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان

"ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" ئىمزالانغاندا، گەرچە ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ھەر ئىككى تەرەپ بىردەكلا "بۇ كېلىشىم باشقا بىر دۆلەتكە، بولۇپمۇ خىتايغا قارىتىلمىغان" دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا بۇنىڭغا سۇئال قويماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ جىددىي تەلەپپۇز بىلەن "جوڭگو ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەھدىت سالغىنى يوق، جوڭگو ھازىر ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ راس گېپىنى ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دېگەن. ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزوئابې بولسا "ياپونىيە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان "ئېغىر يۈك"نى تاشلاپ، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا بىلەن "تۆرت دۆلەت بىرلىكى" قۇرۇش لازم" دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى سەزگۈر

"ئامېركا ئاۋازى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىنگاپور ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى نەن بۇ ھەقتە ئوتتۇىرغا قويغان مۇلاھىزىسىدە "ياپونىينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى سەزگۈر. ياپونىيە بۇ رايوندا تەيۋەن بوغۇزى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىدىن ئىبارەت تۇقۇنۇش يۈز بېرىش ئىھتىمالى بار جايلارغا يېقىن دۆلەت. "ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" ياپونىيىنىڭ قەددى-قامىتى رۇسلىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ كېلىشىم ياپونىيىنى ئەنئەنە جەھەتتىن ۋە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى چەكلىمىلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. (ۋەلى)