خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى تارقاتقان ھەر قانداق ئۇچۇرلارنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش ھەققىدە 22 ماددىلىق يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە "چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان ھەرقانداق ئۇچۇر مەملىكەت ئىچىگە كىرگىنىدە چوقۇم ئالدى بىلەن شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايدا تارقاتماقچى بولغان ھەرقانداق خەۋەرلىرى مەزمۇن جەھەتتە قاتتىق تەكشۈرۈلۈشى كېرەك، ئەگەر چەتتىن كىرگەن ئۇچۇرلاردا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، دىنىي سىياسەتكە ۋە ياكى مىللىي ئىتتىپاققا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەزمۇنلار بولىدىكەن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇلارنى ئېلىپ تاشلاش ۋە بۇ ھەقتە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ھوقۇقى بار" دېگەندەك مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ھەققىدە بېكىتكەن بۇ بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. مەسىلەن، ياۋروپا بىرلىكى 11 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى قاتتىق چەكلەيدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ''بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئۇچۇرلىرىنى چەكلەيدىغان بۇ خىل يېڭى بەلگىلىمىنى چىقارغانلىقى بۇندىن كېيىنكى خىتاي- ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن سەلبىي رول ئوينايدۇ"' دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا دۆلەت كابېنتىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. كۆپلىگەن ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا بولغان بۇ خىل كونتروللۇقىنى خىتاي تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ چېكىنىش دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكا -ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرېتارى ئالىم سېيتوف ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.