دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئىزچىل قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2007.11.06

HRW-olympic-2008-200.jpg
سۈرەت تۆۋەندىكى تور بەتتىن ئېلىندى. http://china.hrw.org/press

6 - نويابىر سەيشەنبە كۈنى نيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كەڭ قويۇۋېتىش جەھەتتە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خىتايدا تەبرىكلىنىدىغان " مۇخبىرلار بايرىمى" كۈنىدە چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مىككي سپەيگىل خانىم: " ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشنى كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ"

پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان " مۇخبىرلار بايرىمى" كېلەر يىلى خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدىن ئىلگىرى خىتايدا تەبرىكلىنىدىغان ئاخىرقى مۇخبىرلار بايرىمى بولۇپ، شۇ مۇخبىرلار بايرىمىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە قانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى مەسئۇل تەتقىقاتچى مىككي سپەيگىل خانىم، " ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشنى كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ" دەپ جاۋاب بەردى ۋە ئەكسىچە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

رىچاردسون خانىم: " خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بەك سۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ"

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى سوفي رىچاردسوننىڭ باياناتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، رىچاردسون خانىم: " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئولىمپىك نىزامنامىسىدىكى ئەخلاقى پرىنسىپلارغا زىت ھالدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاراتقان قامال قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بەك سۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ" دېدى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خىتايدا تەبرىكلىنىدىغان " مۇخبىرلار بايرىمى" كۈنى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي بۇ يىلىنىڭ بېشىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپمۇ خىتاي ئىچىدە ئەركىن زىيارەت ئېلىپ بارالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە ئېلان قىلغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان چەتئەل ئاخبارات قاناللىرىنىڭ، خىتاي ئىچىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئەركىن ئاخبارات ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سپەيگىل خانىم : "خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ھەتتا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى"

ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى نيۇيورك ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى مەسئۇل تەتقىقاتچى مىككي سپەيگىل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ئەركىن ھالدا ئاخبارات ئىگىلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەم شۇ ھەقتە بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي شۇ ۋەدىسىدە تولۇق تۇرمىغان ھەتتا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان.

مىككي سپەيگىل خانىم بۇ ھەقتە مىسال كۆرسىتىپ: " مەن سىزگە بۇ ھەقتە مىسال قىلىپ كۆرسەتسەم، دەن گرىفىس ئىسىملىك ب ب س مۇخبىرى خېبېيدىكى بىر يېزىدا يۈز بېرىۋاتقان قولغا ئېلىش ئىشلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىۋاتقاندا قولغا ئېلىنىپ ساقچىخانىدا بىر كۈن ياتقان، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى ئايلاردا فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ( ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان) ۋە ئامېرىكىلىق خىزمەتدىشى مەركىزى بېيجىڭدىكى باغچىدا زوراۋانلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، " مۇخبىرلار شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان لايىق تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى سۈرەتكە ئالغانلىقى ئۈچۈن،شۇ جايدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرىنى تارتىۋالغان" دەيدۇ.

خىتاي بۇ يىل " ئەركىن خەۋەر بېرىش" توغرىسىدا بەلگىلىگەن بەلگىلىمە 2008- يىلى ئۆكتەبىردە ئەمەلدىن قالىدۇ

خىتايدا پەيشەنبە كۈنى تەبرىكلىنىدىغان " مۇخبىرلار بايرىمى" دىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، خىتاي ئاخبارات ۋە نەشرىيات مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ خىتايدا قانۇنلۇق ئاخباراتچىلىقنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەرقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئاخبارات ۋە نەشرىيات مىنىستىرلىقى " خەۋەر ‏- مەلۇماتلارنى تارقىتىش بولسا ئاۋام خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى ۋە ئاممىنىڭ كۆزەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل" دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىزىق يېرى شۇكى، خىتاي بۇ يىل بەلگىلىگەن مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا ئەركىن خەۋەر بېرىش توغرىسىدا بەلگىلىگەن بەلگىلىمە 2008- يىلى ئۆكتەبىردە ئەمەلدىن قالىدىغان بولۇپ خىتاينىڭ " ئەركىن خەۋەر بېرىش" بەلگىلىمىسى خىتاي مۇخبىرلارغا ھەتتا چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىتايلار مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

سپەيگلى خانىم: " مەن ھەرقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن"

بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى مەسئۇل تەتقىقاتچى سپەيگىل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھازىرغا كەلگۈچە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە بوغۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدە يۈز بېرىۋاتقان نامايىش ۋە باشقا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى سىرتقى دۇنياغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئالدىنقى ئايدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدىمۇ، ئۆكتىچى كۈچلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەرزىيەتچىلەرنىڭ بېيجىڭغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ قارىماققا تىنچ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تۇيغۇنى سىرتقى دۇنياغا كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سپەيگلى خانىم كېلەر يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە مۇئەييەن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا ئىشىنەمسىز دەپ سورىغان سوئالىمىزغا: " مەن ھەرقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن" دەپ جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ يەنە بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدىمۇ يەنە، باشقا پىكىردىكىلەر، ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئىزچىل بېيجىڭ سىرتىدا تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.