خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتلارغا بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى


2005.06.08

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ باشقا جايلاردىكى تەنقىدىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشى، خىتايدا باشقا رايونلارنى نازارەت قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. خوڭكوڭ "مىڭباۋ" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى يېقىندا ھەر قايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا چۈشۈرگەن ھۆججىتىدە، مەركەز دەرىجىلىك مەتبۇئاتلار، يەرلىك ئورۇنلارنى تەنقىد قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى بەرگەندە، ئالاقىدار ئۇچۇرلار چوقۇم تەنقىد قىلىنغۇچى ئورۇنغا مەسئۇل بولغان پارتىيە كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن ھەمدە يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ باشقا جايلاردىكى تەنقىدىي ئۇچۇرلارنى بېرىشى ئاساسەن چەكلەنگەن.

ئۇنىڭدا، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنتىزام - تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە، چىرىكلىككە قارشى خەۋەرلەرنى بەرگەندە، "چوقۇم كادىرلار سېپىدىكى ئاساسىي ئېقىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك" دېيىلگەن.

مەتبۇئات ساھەسى ئۈچۈن يەنە بىر قەھرىتان قىش

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى كونترول قىلىشىغا، باشقا ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەسئۇل ئەمەلدارلارمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە ئۆز ئالدىغا بىر سىستېما شەكىللەندۈرگەن.

شاڭخەيدە چىقىدىغان "دۇنيا ئىقتىسادىي يۆلۈنۈش گېزىتى" نىڭ سابىق تەھرىرى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق جاڭ ۋېيگونىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا خىتاي كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يۈرۈش ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ھۆججىتى چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ يەنە بىر قەھرىتان قىشقا دۈچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"باشقا رايۇنلارنى نازارەت قىلىش شەكلى، خىتاي ئاخبارات خادىملىرىنىڭ خىتايدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ تاپقان بىر خىل خەلق نازارىتىنى يولغا قويۇش ئۇسۇلى ئىدى. بۇ خىتايدا جامائەت پىكرى نازارىتىنى ئازراق بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرىدىغان يول ھىسابلانغان. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى چەكلىشىنى بىر خىل ئارقىغا چېكىنىش دەپ قارايمەن".

ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى

خوڭكوڭ "مىڭباۋ" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەركىزىي كومىتېت ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ھۆججىتىدە ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن سىياسىي خەۋەرلەرنى بېرىشتە " توغرا" يۆلۈنۈشتە چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە تۇرمۇش خەۋەرلىرىدىمۇ يۆلۈنۈشكە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەرلەرلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا خەۋەرلەرنى بېرىشتىمۇ چوقۇم پارتىيە بەلگىلىگەن يۆلۈنۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن. ھۆججەتتە تەكىتلىنىشىچە، جامائەت پىكرى ئېقىمىنى " توغرا" يۆلۈنۈشتە تۇتۇپ تۇرۇش ، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى ئىكەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكولتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پروفېسسورى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان جياۋ گوبياۋ ئەپەندى، جامائەت پىكرى ئېقىمىنى كونترول قىلىشنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەزەلدىن چىڭ تۇرۇپ كەلگەن پرىنسىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن خەۋەرلەرنىڭ سىياسىي يۆلۈنۈشنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئىلگىرىمۇ خىتاي ھەر قانداق خەۋەرنىڭ يۆلۈنۈشىنى كونترول قىلاتتى. ئەمما بۇنداق ئوچۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ تەكىتلىشى بەلكىم بىر يېڭىلىقتۇر. مەتبۇئاتلار ئۆز رايۇنىنى نازارەت قىلالمىسا، باشقا رايۇنلارنىمۇ نازارەت قىلالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە بىر خىل ئارقىغا چېكىنىش. مەتبۇئاتلارنى تېخىمۇ كېشەنلەش. بۇنداق كېتىۋەرسە، خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى يالغۇز قېلىپ، ھەممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ".

ھۆججەتنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلىمى چىقارماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى

ئىلگىرى ئاخبارات ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى چىقىراتتى. " تەشۋىقات بۆلۈمىگە جازا يۈرۈش قىلايلى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى جياۋ گوبياۋنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ نامى بارغانسىرى ناچارلاشقاچقا، بۇ قېتىمقى ھۆججەتنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. جياۋ گوبياۋ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

"ئۆتكەن يىلى تەشۋىقات بۆلۈمىگە جازا يۈرۈش قىلايلى دىگەن ماقالەم ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، مەن مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بەزى رولىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەسلىدە تەشۋىقات بۆلۈمى ئېلان قىلىشقا تىگىشلىك بەزى ھۆججەتلەر باشقا ئورۇنلار ئارقىلىق چىقىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىر ھۆججەتنىمۇ خىتاي ئىچكى كابېنتى ئېلان قىلغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئىلگىرى بۇلارنىڭ ھەممىنى تەشۋىقات بۆلۈمى چىقىراتتى" .

ئەمما جاڭ ۋىيگونىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلاشقانلىق ئىپادىسى كۆرۈلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىق بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى كونترول قىلىشىغا، باشقا ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەسئۇل ئەمەلدارلارمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە ئۆز ئالدىغا بىر سىستېما شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ ھوقۇقى خېلىلا چوڭ. ئەمدى ھازىر خىتاي مەركىزىي كومىتېتى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ باش بولۇپ ھۆججەت چۈشۈرىشى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىمۇ مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىگە نارازى بولغانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەركىزى ئىش بېجىرىش باشقامىسىنىڭ بىۋاستە ئاخبارات ۋە جامائەت پىكرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشى شۇنداقلا يەنە، خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈلمىدە قالايمىقانچىلىق بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا يەنە مەخسۇس ئوقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەنئەنىۋىي مەتبۇئاتلاردىن سىرت، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇر ۋە مۇنازىرىلەرنىمۇ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. بەزى مەلۇماتلاردا، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئىنتېرنېت " ئوبزورچى" لىرىنى ياللاپ، ئىنتېرنېتتە پىكىر ئېقىمىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.