8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، "خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ ئىككى نەپەر ۋەكىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش شىتابىغا بېرىپ، مەزكۇر كومىتېت ئەمەلدارىغا 4000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان مۇراجەت خېتىنى سۇندى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە 2008 - يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بارغان مۇخبىرلارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىختىيارى، ئەركىن مەلۇمات بېرىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئولىمپىك كومىتېتىغا مۇراجەت خېتى سۇنغان ئىككى نەپەر ۋەكىلنىڭ بىرى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مەسئۇلى لوبسېر ئەپەندى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە " بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا 3 يىل قالغان بۇنداق بىر مەزگىلدە، خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چەتئەللىك مۇخبىرلارغا كۆڭۈللۈك خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ناھايىتى زۆرۈر بىر ئىش" دەپ بىلدۈرگەن.
خىتايدا خەلقئارا پائالىيەتلەردە ئاخبارات تېخىمۇ كونترول قىلىنىدۇ
نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇچىن، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ مۇراجەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :
" مەنچە، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە بۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى خىتايدا ھەرقانداق بىر خەلقئارا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەندە، مەتبۇئات ساھەسى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋاللار يوشۇرۇن قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش جەريانىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىن - ئازادە زىيارەت قىلىپ، مەلۇمات بېرىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان".
خىتاي، قىلغان ۋەدىسىدە تۇرمىدى
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇچىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى، ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ۋەدە قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ 5 يىل جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولماي، ئەكسىچە چېكىنىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، " ھازىر ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا 3 يىل ۋاقىت قالدى، بۇنداق پەيتتە، بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پەقەت ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇرىشىمىز كېرەك، خىتايدىكى ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەر پەقەت، خەلقئارا بېسىمنىڭ كۈچىيىشى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاندىن ياخشىلىنىشى مۇمكىن ئئ دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي، دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى قامايدىغان ئەڭ چوڭ تۈرمە
خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى " دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى قامايدىغان ئەڭ چوڭ تۈرمە" دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان مۇخبىرلار سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئۇزۇن مۇددەت قاماق جازاسى بېرىلگەنلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لوبسېر ئەپەندى كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە، مەزكۇر تەشكىلات خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى دەيۋىس ئەپەندىمۇ 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان 17 كۈنلۈك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى جەريانىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پەقەت يىغىننىڭ بىخەتەر ئېچىلىشىغىلا ئەمەس، بەلكى يىغىن ئېچىلىش جەريانىدا بېرىلىدىغان خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنىڭ توغرا ھەم ئېنىق بولۇشىغىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)