خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ساھەسىگە قاراتقان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى
2005.09.20
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تەشۋىقات خىزمىتىگە بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، يەرلىكتىن مەركەزگىچە بولغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ نازارەت قىلىش فۇنكسىيىسىگە چەكلىمە قويغان .
تەنقىد قىلىشتىن بۇرۇن تەنقىد قىلىنغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش
بەلگىلىمىدە، ئاخبارات ئورگانلىرى ھەر قانداق تەنقىدىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلماقچى بولغاندا، چوقۇم تەنقىدكە ئۇچرىغان ئورۇن تەئەللۇق بولغان پارتكومنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى، ئەگەر تەنقىدكە ئۇچرىغۇچى رەھبىرىي كادىرلارغا چېتىشلىق بولغاندا، چوقۇم ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى بەلگىلەنگەن. ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ بەلكىم 17 ئۆلكە ۋە شەھەردىكى يەرلىك تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىشىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئىلتىماسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەنقىد قىلىش مۇقىمسىزلىقنىڭ ئامىلى
خەۋەرگە قارىغاندا، گۇئاڭدۇڭ، خېنەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يېقىندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىكنى خالىغانچە تەنقىد قىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئۆلكە ۋە شەھەرلەر، "مەركىزىي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ باشقا جايلارنى نازارەت قىلىدىغان خەۋەرلىرى، يەرلىكتە جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. ئەگەر بۇنى توسىمىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مۇقىملىققا كاپالەت بېرەلمەيدۇ ھەمدە پۇقرالارنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز سۇنۇشىنى توسۇۋالالمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - مايدا يېڭى ئەرزىيەت بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەرزلەرنى يەر تەۋەلىكى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، كىم مەسئۇل بولسا، شۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن پۇقرالىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز سۇنىدىغانلارنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلىكتە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن مەركىزىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەرلىكنى تەنقىد قىلىدىغان خەۋەرلەرنى بېرىشىنى چەكلەش شەرتىنى قويغان.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى خۇ ياۋباڭنىڭ ياردەمچىسى لىڭ مۇ ئەپەندى بۇ ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ، يەرلىكنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بۇنداق ئىلتىماس سۇنۇشى، بېسىمنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى ئەرزىيەت بەلگىلىمىسى چىققاندىن بۇيان ئەرز سۇنغۇچىلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېسىمى ئاشقان. ئەگەر مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى يەرلىكنىڭ خاتالىقىنى ئاشكارىلىۋەتسە، ئۇ ھالدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدۇ.
تېمىنى يۆتكەپ دىققىتىنى چېچىش
ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقىمۇ يەنە بىر قىسىم بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ھەر خىل ئاپەتلەر، مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈش، يەر ماجىراسى ۋە ئاممىۋى ئەرز سۇنۇش پائالىيەتلىرىگە ئائىت خەۋەرلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، جەمئىيەت خەۋەرلىرىنى قىزىق تېمىغا ئايلاندۇرماسلىق، ناۋادا ئايلىنىپ قالسا، دەرھال تېمىنى يۆتكەپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى چېچىشنى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، 17 شەھەر ۋە ئۆلكىلەر مەركىزىي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ خەۋەر ئېنىقلاش پروگراممىسىدا سەزگۈر تېمىلارنى قوغلاشمايدىغان بولغان. بىر قىسىم پۈتۈن خىتايغا تارقىتىلىدىغان يەرلىك گېزىت - ژورناللارمۇ ئۆز تەۋەلىكىدىن باشقا جايلاردىكى خەۋەرلەرنى بېرىشنى توختاتقان ھەمدە ئوبزورلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتقان.
خىتاي كومپارتىيىسى ئىناۋەت كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە
نيۇ يوركتىكى بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى شۆۋىي ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەلبىي خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"خىتايدا، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات قورالى. پەقەت خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىر قىسىم يەرلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى بارغانسىرى كارخانىلىشىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنىمۇ ئاچىدىغان بىر قىسىم خەۋەرلەرنى بېرىشكە باشلىدى. بىراق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىناۋىتى بولسا بارغانسىرى چۈشىۋاتىدۇ. ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىر چەتئەل ۋە خىتايدا كومپارتىيىدىن چىكىنگەنلەرنىڭ سانى ئۈچ - تۆت مىليونغا يەتكەن. مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئىناۋەت كرىزىسىغا دۈچ كەلگەن بۇنداق شارائىتتا، يەنە ئۆزىنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرىدىغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. شوڭا سەلبىي خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ".
خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەل ئاخبارات شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كەسپىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە.
خىتاي چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى توزىماقتا
چېگرا ھالقىغان ئاخبارات ئورگىنى خەۋەرلەر گۇرۇھىنىڭ رەئىسى رۇپېرت مورداك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بىر يىل ئاۋۋال خەلقئارالىق ئاخبارات ئۇچۇر شىركەتلىرىگە بازىرىنى ئاستا- ئاستا ئېچىپ بېرىش ھەققىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خىتايدىكى كەسپىي پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
روپېرت مورداك ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، كەسپىي پائالىيىتىنى خىتايغا كېڭەيتىش يولىدا تېرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ خەۋەرلەر گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى يۇلتۇز تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە قانال V چىڭخەي سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق پروگراممىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا تارقاقماقچى بولغان ھەمدە بۇ ھەقتە چىڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسلىرىنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلىگەن.
بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى شۆۋىي ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيىسى بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولغاچقا، ئۆز تەشۋىقاتلىرىدىكى يالغانچىلىقلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ، ھاكىمىيىتىگە تەھدىت يىتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخباراتلارنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە بولغان كونتروللىقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنىڭ خەۋپى بارغانسېرى ئاشماقتا
- "مۇخبىرلارنى تەقدىرلەش بەلگىلىمىسى" نىڭ مەقسىدى نېمە؟
- خەلقئارادىكى تەشكىلاتلار ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
- 700 دىن ئوشۇق خوڭكوڭلۇق ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشىغا قارشى نامايىش قىلدى
- ئۈرۈمچىدە ساختا ئاخباراتلارنى قەتئى توسۇش ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى