ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى


2005.11.07

ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن مەتبۇئات مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا، خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە مېڭىش يولىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەمەس، بەلكى مەتبۇئاتنىڭ ئەركىن بولىشى "دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئەزاسى مايك ئەپەندى "بىز دەسلەپتە، ئىنتېرنېت تور بەتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ، خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىشى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي خەلقىنى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىدىغان بولدى، دەپ ئويلىغان ئىدۇق. لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال بىز ئويلىغاندەك بولمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت، رادىئو ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلىشىگە تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق، قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھەتتا ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنى نۆۋەتچىلىككە قويۇپ، خەلقنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى تەن سىنگې ئەپەندى " خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك " دەپ تەكىتلەپ " دېموكراتىك تۈزۈم پەقەت ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بولغان شارائىتتا، ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. خىتايدا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش مۇھىتى بولماي تۇرۇپ، دېموكراتىيىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن ھەقىقەتەن مۇناسىۋەتلىك

نيۇ-يوركتىكى "بېيجىڭ باھارى ژورنىلى" نىڭ باش تەھرىرى شۆ ۋېي ئەپەندىمۇ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، " ئامېرىكا خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت. بىز ئامېرىكىنى دۇنيانىڭ ساقچىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەرقانداق دۆلەتنىڭ زوراۋانلىق تۈزۈم يۈرگۈزىشىگە قارشى. ئامېرىكا ھەر قانداق بىر دۆلەتكە دېموكراتىيە ھەققىدە باھا بېرىشتە، ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنىڭ بار ۋە يوقلىقىنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتىدۇ " دېدى.

شۆۋېي ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئاخبارات ئەركىنلىكى دېگەننىڭ ئۆزى سۆزلەش ئەركىنلىكى دېگەنلىك، مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ۋە تەنقىدىنى ئوچۇق - ئاشكارا بايان قىلىشىنى ئاخبارات ئەركىنلىكى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. لېكىن خىتايدا تا ھازىرغا قەدەر بۇخىل ئەركىنلىك ھاسىل بولالمىدى. خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغاچقا، 1958 - يىلىدىكى ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە تيەن ئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتارلىق پاجىئەلىك ۋەقەلەر توختىماي يۈز بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقىغە كەينى -كەينىدىن ئاپەت ئېلىپ كەلدى" دەپ بىلدۈردى.

مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ مەتبۇئات كونترول قىلىنماقتا

دوۋېي خەۋەرلەر تور بېتىنىڭ مەسئۇلى خې پىڭ ئەپەندى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسى سەۋەب، ئاتالمىش جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، " 17 - قۇرۇلتاي شۇنداقلا ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، خۇ جىنتاۋ بارلىق كۈچى بىلەن مەتبۇئاتنى تېخىمۇ بەك كونترول قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى بىردىن - بىر ئامال كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا خالىغانچە پىكىر بايان قىلىشىنى ۋە ماقالە ئېلان قىلىشىنى چەكلەش. ئەگەر بۇنداق قىلمايدىكەن، ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئورۇنلىرى كونترولسىز ھالەتتە قالىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

يېقىندا "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسىدە، دۇنيادىكى 167 دۆلەت ئىچىدە خىتاي 159 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەزكۇر تەشكىلات يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كومپارتىيىنىڭ كانىيى دەپ ھېسابلانغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى دەرھال يوق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.