ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ


2006.02.13
CHINA-INTERNET-POLICE-200.jpg
2002-يىلى ئىيۇلدا، خىتاي ساقچىسى بىر تورخانىنى تەكشېرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىنتېرنېتنى توسۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ ئەركىن تورغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. AFP

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك سارىيى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ساھەسىنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئاخبارات خادىملىرى ئەمەس، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.

ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ باش مۇھەررىرى ئاخبارات خادىملىرى ئەمەس

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ساھەسىگە قارىتا قانداق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە مەزمۇن جەھەتتىن نازارەت ئېلىپ بېرىپلا قالماي، قانۇنى چەكلىمىلەر ۋە ئىقتىسادى ۋاستە قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئاخبارات ئورگانلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتمەكتە، دەيدۇ.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىت -ژورناللار ۋە ئاساسلىق مەتبۇئات ۋاستىلىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىرى ۋە ئىدارە باشلىقلىرى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ. بۇ كىشىلەر ئەزەلدىنلا ئاخبارات خادىملىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، كادىرلار جەھەتتىكى بۇ خىل كونترول قىلىش خىتايدا ھەر قايسى گېزىت -ژورناللار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بۇيرۇقنىلا ئاڭلايدىغان، تەشۋىقات بۆلۈملىرى رۇخسەت قىلمىسا ھېچنىمىنى خەۋەر قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: جوڭگودا ئاخبارات ئورىگىناللىرىنى تەكشۈرۈش قاتمۇ - قات كونترول قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى تەھرىردىن تارتىپ، ھەر قايسى بۆلۈم مەسئۇللىرى ۋە باش مۇھەررىرلەرگىچە خەۋەر مەزمۇنىنىڭ سىياسەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر

ئايگۇل خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىنى كونترول قىلىش سىياسىتى خىتاي بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ ئېغىر. ئۇ، رايوندىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ شۇ جايلاردىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ۋە نازۇك تېمىلار ھەققىدە ماقالە - خەۋەر ئېلان قىلىشنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئايگۇل خانىم يېقىنغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ياشىغان ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئىدى. ئۇ ھازىر ئامېرىكىدا ياشىماقتا.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ئورگانلىرىنى كونترول قىلىشتىكى يەنە بىر ئۇسۇلى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈملىرىگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، قانداق مەزمۇندىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش، قانداقلىرىنى چەكلەش ۋە بەزى كونكرېت سەزگۈر ۋەقەلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي رەڭلىك ئىنقىلابتىن ئەنسىرىمەكتە

خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى ئاخبارات ساھەسىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىشىدىكى سەۋەب، يەر زىمىن ماجراسى ۋە باي -كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر خىتايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش رەڭلىك ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.

بۇ مەسىلە ھەققىدە سەي يوڭمېي خانىم، "ئۆتكەن يىلى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭلا ئەمەس، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت پۈتۈن تۈزۈلمە بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن رەڭلىك ئىنقىلابنىڭ جوڭگودا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كومپارتىيە مەتبۇئات ساھەسىدە بۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەرگە تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى،" دەيدۇ. سەي يوڭمېي خانىم خوڭكوڭدا چىقىدىغان" ئېچىۋېتىش " ژورنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى.

خىتاينىڭ كونترول قىلىش ۋاتىلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ بارماقتا

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ئاخباراتنىڭ بازارلىشىشى، ئىنتېرنەتنىڭ ئۆزلىكسىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ساھەسىنى كونترول قىلىش ۋاتىلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ بارماقتا.

بېيجىڭ دائىرىلىرى خىتاي تور پونكىتلىرىدىن نازۇك تېمىدىكى خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، Yahoo ۋە Google غا ئوخشاش خەلقئارا چوڭ شىركەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان. سەي يوڭمېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەلقئارا چوڭ شىركەتلەر كۆپ ھاللاردا پايدىنى كۆزلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەكتە. سەي يوڭمېي، " جوڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئاخبارات دەيدىغان بىر نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ئاخبارات بۇ يەردە بىر تەشۋىقات كانىيى. بېيجىڭنىڭ نەزىرىدە گېزىت -ژورناللار نېمىنى خەۋەر قىلماقچى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئەكس - ئەتتۈرگەن بولۇشى كېرەك، " دېدى .

ئەمما ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ئاخباراتنىڭ بازارلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىك مەتبۇئاتلار مەركىزى مەتبۇئاتلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان، خەۋەر مەنبەئەلىرى كۆپ خىللىشىدىغان ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن. ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەر شارىلىشىشنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقنى پەيدىن - پەي بوشاشتۇرىدۇ، دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.