خەلقئارا ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى


2006.04.03

خەلقئارا ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 30 ‏- مارت كۈنى ئېلان قىلغان 2005 ‏- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا "خىتاي بۇندىن ئىلگىرى ئەركىن پىكىر بايان قىلغان مۇخبىرلارغا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلغان، 2005 يىلىدا بولسا، مۇخبىرلارغا زەربە بېرىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن .خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ تور بەتلەردە سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىشىنى چەكلەش" دەپ كۆرسەتكەن .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.