دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەت


2006.05.04
CHINA-INTERNET-POLICE-200.jpg
2002-يىلى ئىيۇلدا، خىتاي ساقچىسى بىر تورخانىنى تەكشېرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىنتېرنېتنى توسۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ ئەركىن تورغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. AFP

دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئارقا-ئارقىدىن تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

"چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ۋېيتنام ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئاخبارات ئەركىنلىككە قاتتىق چەكلىمە قويىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىنتېرنېتنىڭ 15 چوڭ دۈشمەن دۆلىتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئەمما ئامېرىكىدىكى "مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" نىڭ بۇ يىل بېكىتكەن دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار 10 دۆلەتنىڭ ئىچىگە خىتاي كىرگۈزۈلمىگەن. بۇ تىزىملىكتە شىمالىي كورىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان ۋە ئۇنىڭغا سۈرىيە، كۇبا، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر كىرگۈزۈلگەن .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللىقى بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن "مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" نى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى دېرىكتورى پاۋىل دىياز، گەرچە خىتاي بۇ ئەڭ ناچار 10 دۆلەت تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ يەنىلا چوڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللىقىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

"بىز يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلىمىزدە، خىتاي ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئالغان بىر ئومۇمىي تەسىراتىمىز، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقى، 1989‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق بولغان بىر مەزگىل ئىكەن. خىتاي پەقەت ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپلا قالماي، رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-جورناللارنىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلغان".

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقى، 1989‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق بولغان بىر مەزگىل ئىكەن. خىتاي پەقەت ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپلا قالماي، رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-جورناللارنىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلغان.

پاۋىل دىياز چاڭشادا چىقىدىغان "سودا-سانائەت كۈندىلىك گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى شى تاۋنى مىسال كەلتۈردى. شى تاۋ خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق گېزىت-ژورناللارغا بولغان كونتروللۇقىنى پاش قىلغانلىقى ۋە 4‏-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاي ئۇنىڭغا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان" دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، "نيو-يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ ئانالىزچىسى جاۋ يەن 2004‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشاشلا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەلگە ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان" دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى جياڭ زېمىننىڭ ھەربىي كومىتېتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى نيو-يورك ۋاقتى گېزىتىگە ئەۋەتكەن دەپ گۇمان قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا يېتەرلىك ئىسپاتلارنىڭ يوقلىقىدىن جاۋ يەنگە بېرىلگەن بارلىق ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلدى:

" بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى پەقەت چۈشەنمىدۇق. ئۇلار جاۋ يەنگە بېرىلگەن ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى تېخىچە قويۇپ بەرمىدى. بىز بۇنى پەقەتلا ئادىل بولمىغان ھەرىكەت دەپ قارايمىز. ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى".

پاۋىل دىياز سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 12‏- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە 32 نەپەر مۇخبىرنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا 15 ئىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئىنتېرنېتكە چېتىلغان ئىكەن. خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى يەنە، بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، خىتايدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلىغان.

ئىنتېرنېت توربەتلىرىگە بولغان نازارەت كۈچەيتىلدى

بېيجىڭدىكى ئۆكتىچى زات ليۇ شياۋبو بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە خىتايدىكى ئاز بولمىغان گېزىت-ژورناللارنىڭ سەزگۈر تېمىلاردا ماقالە ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بەزى گېزىت-ژورناللار مەجبۇرىي توختىتىۋېتىلگەن بولسا، بەزىلىرى مۇسادىرە قىلىنغان، شۇنداقلا مەسئۇل تەھرىر ۋە مۇخبىرلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازالانغان. ليۇ شياۋبونىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 9‏- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئۇچۇر تارقىلىشى ۋە قول تېلېفونى ئۇچۇرلىرىغا قارىتا يېڭى بىر قاتار نازارەت قىلىش بەلگىمىلىرىنى ئېلان قىلغان:

"ھازىر تېخى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماقالىلىرى چەتئەللەردە ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى سەزگۈر تېمىدا سۆزلىگەن دەپ قارىغانلارنى بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىۋاتىدۇ. شى تاۋ ۋە ياڭ تيەنپىڭلار بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى. بۇنداق ئىشلار جىق كۆرىلىدۇ. ھەر يىلى دېگۈدەك بار".

ئامېرىكىدىكى "مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" 1981‏- يىلى قۇرۇلغان مۇستەقىل تەشكىلات بولۇپ، بۇ ئورۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بۇ ئورگان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ھېچقانداق كىرىم ئالمايدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.