خىتاي مۇخبىرى خې چىڭلىيەن خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ئىچكىي سىرىنى ئاشكارىلىدى
2006.07.24
خەلقئارادا زور دەرىجىدە غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان " تۇمان قاپلىغان خىتاي" ناملىق بۇ 250 مىڭ خەتلىك كىتابدا، ئۇزۇن يىل خىتايدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ئاپتور خې چىڭليەن، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي پاكىت ۋە مىساللار ئارقىلىق، مەيلى قانۇن جەھەتتە بولسۇن ياكى تۈزۈم -بەلگىلىمە ۋە ياكى سىياسەت جەھەتتە بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان مەتبۇئاتنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىۋاتقان بارلىق ھېلى - مىكىرلىرىنى تەل - تۆكۈس پاش قىلغان.
خىتاي مەتبۇئات سىستېمىسىنى ئەڭ تولۇق ئاشكارىلىغان كىتاب
تەيۋەن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جىنخۇئا مەزكۇر كىتابقا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، "بۇ كىتاب تا ھازىرغا قەدەر خىتاي مەتبۇئات سىستېمىسىنى ئەڭ تولۇق ئاشكارىلىغان كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن:
"مەنچە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقىنى پاش قىلىشتا، بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان كىتاب تېخى بايقالمىدى. مەزكۇر كىتابتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بىرىنچى قول ۋە ناھايىتى يېڭى بولۇپ، ئاكادېمىيە ساھەسىدە ھەقىقەتەن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك شۇنداقلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا. ئاپتور خې چىڭليەن خىتايدىكى چېغىدا " ئالاھىدە رايون ئىقتىسادىي" ۋە " شىنجىن قانۇن گېزىتى " قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئۇزۇن يىل مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ پەقەت مۇخبىر بولۇپلا قالماي، بەلكى ناھايىتى داڭلىق جەمئىيەتشۇناس دەپ تونۇلغان. ئۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقىنىڭ قانداق دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. شۇڭا مەن بۇ كىتابنى ئىنتايىن زور پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە' دەپ قارايمەن "
تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى بولغانلار ھېچقانداق شان -شەرەپكە ئېرىشكىنى يوق
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان "تۇمان قاپلىغان خىتاي" ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى خې چىنليەن ئۆزىنىڭ مەزكۇر كىتابنى يېزىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ساھەسىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات سۇنغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر كىتابنى شۇ دوكلات ئاساسىدا تېخىمۇ كېڭەيتىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇش ئارقىلىق تولۇقلاپ چىققانلىقىنى، بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن، خىتاي مەتبۇئاتىدىكى راست ۋە يالغاننى پەرق ئېتىش تەجرىبىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ يەنە 1949 - يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىست خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇدىڭ يىنى مىسال قىلىپ، مۇنداق دېدى:
"مەن لۇ دىڭيىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن چېغىدىكى تەسىراتىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بايقىدىم. لۇ دىڭيى 'مەن 10 نەچچە يىل تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ، قىلغان ئىشىم پۈتۈنلەي ئادەملەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۇلارنى قىيناشتىن باشقا ئىش ئەمەس 'دەپ بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى خېلى چوڭقۇر دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ' مەن بۇ خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مەيلى كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، داۋاملىق مەنپەئەت كۈرىشى، خەلق ۋە ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوسال ھالەتتە قالىدۇ. شۇڭا تا ھازىرغىچە، تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى بولغانلار ھېچقانداق شان -شەرەپكە ئېرىشكىنى يوق ".
ئادەم تۇتۇشنىڭ باھانىسى – دۆلەت مەكپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش
"تۇمان قاپلىغان خىتاي" ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى خې چىنليەن مەزكۇر كىتابدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" ھەققىدە بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىنى ئانالىز قىلىپ"ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەن 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' ئۇلار ئۈچۈن بىر چوڭ باھانە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى داۋاملىق 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى' دەپ قولغا ئالىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ پۇقراسى شۈ زېرۇڭغا 2001 - يىلى ‘قانۇنسىز ھالدا چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن’ دېگەن باھانە بىلەن 13 يىل قاماق جازاسى بەرگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كورىيە ئالىملىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگىنى پەقەت 50 - يىللاردا نەشر قىلىنغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىكى بولمىغان ' كورىيە ئۇرۇشى' دىكى ئىچكى ماتېرىياللار ئىدى " دەپ كۆرسەتكەن:
"ئۇلارنىڭ تەكىتلىگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكى خىتاينىڭ قانۇن -بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ھېچقانداق مەخپىيەتلىك كاتوگورىيىسىگە كىرمەيدۇ. مەسىلەن، شۈ زېرۇڭ دېلوسىدا، ئۇلار گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىغا مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 35 يىلدىن بۇيان ھېچقاچان مەخپىيەتلىك دەپ قارالمىغان بىر ھۆججەتنى ' مەخپىي ھۆججەت' قىلىپ بېكىتكەن ۋە شۇنى باھانە قىلىپ، شۈزېرۇڭنى قولغا ئالغان ".
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان "تۇمان قاپلىغان خىتاي" ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى خې چىنليەن مەزكۇر كىتابتا خىتايغا بېرىپ زىيارەت قىلىۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، " قارىماققا خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى مەزكۇر جايدا ئەركىن زىيارەت قىلىش ھوقۇقى باردەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە’ دەپ كۆرسەتكەن:
"چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتايغا بېرىپ زىيارەت قىلغىنىدا، قارىماققا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر كىشىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغىنىدەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار چەتئەل مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئادەمگە ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نېمىنى دېيىش ۋە دېمەسلىكىنى ئاللىقاچان بېكىتىپ بولغان. ئۇلار ھەتتا زىيارەت قىلىش سورۇنىغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ نازارەت قىلىدۇ، ئەگەر زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى بىرەر سۆزدىن كېتىپ قالسا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى چوقۇم قولغا ئالىدۇ ".
"تۇمان قاپلىغان خىتاي" ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى خې چىنليەن مەزكۇر كىتابتا يەنە، بېيك ئىسىملىق بىر ئەنگىلىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنى زىيارەت قىلغان بۇ مۇخبىر مىڭ تىرىشىپمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقالمىغىنى ئاشكارىلىغان.
"تۇمان قاپلىغان خىتاي" ناملىق بۇ كىتاب پەقەت تەيۋەندىلا ئەمەس، بەلكى ياپونىيىدىمۇ نەشر قىلىندى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىدا قاتتىق تەنقىدلەندى
- دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەت
- خەلقئارا ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 3 چوڭ سولچىلار تور بېتىنى تاقىۋەتتى
- خىتاي، دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت
- خىتايدا مەتبۇئات ئەمەلدارلارنىڭ چاڭگىلىدا
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ
- خىتايدا ئوچۇقلۇققا يۈزلەنگەن گېزىتلەرنى تاقايدىغان تەتۈر ئېقىم
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر ئاخباراتلارنى قامال قىلىش ئۈچۈن، ئىدارە ئورگانلارغا باياناتچى تەسىس قىلماقتا
- ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت ھادىسىلىرى