چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەيىبلىدى
2006.08.09
2008 - يىلى خىتايدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا يەنە توپ -توغرا ئىككى يىل ۋاقىت قالدى. مەركىزى پارىجدىكى خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى "ئەينى چاغدا يەنى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغاندا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىدى " دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.
خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىسىگە تاشلىغان " نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى جاۋ يەن بىلەن " خەي شيا ۋاقىت گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى چىن شاڭ قاتارلىقلارنىڭ تا ھازىرغا قەدەر خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ھەر زامان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىپ تۇرۇلىدىغانلىقى شۇنداقلا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىقاتارلىقلار بىر -بىرلەپ كۈرسىتىلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنەت توربەتلىرىگە بولغان كونتروللىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچۈيىۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي مۇخبىرى خې چىڭلىيەن خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ئىچكىي سىرىنى ئاشكارىلىدى
- بېيجىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي، خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىدا قاتتىق تەنقىدلەندى
- دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەت