خىتاي ھۆكۈمىتى سوت خادىملىرىنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلىدى
2006.09.13
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايدا ئۇچۇر تارقىتىشىنى چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان سوتچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرقانداق مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى.
مەزكۇر بەلگىلىمىدە "دۆلەت مەخپىيەتلىكى، سودا-سانائەت مەخپىيەتلىكى ۋە شەخسى مەخپىيەتلىككە ئائىت مەزمۇنلار؛ ياش ئۆسمۈرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دېلولار، سوت ئېچىلىش ۋاقتى ئاشكارىلانمىغان دېلولار، سوت ئېچىش جەريانىدىكى مۇنازىرىلەر ۋە سوت مەھكىمىسىگە ئائىت ئىچكى جەھەتتىن تارقىتىلغان ھۆججەتلەر ۋە شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىغا ئائىت سان سىفىرلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مەخپىي تۇتۇپ، ھەرگىزمۇ مەتبۇئات ۋە خەلق ئاممىسىغا ئاشكارىلىماسلىق كېرەك " دەپ كۆرسىتىلگەن.
سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ياڭ بۇندىن كېيىن خىتايدىكى ئالىي سوت، ئوتتۇرا سوت ۋە يەرلىك سوت ئورۇنلىرىدا، ئاخبارات باياناتچى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمى بېكىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، " سوتچىلار ئۆزىنىڭ ھەر بىر سۆز، ھەرىكىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىش كېرەك، يۇقىرىنىڭ تەستىقىسىز، ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا پىكىر بايان قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك. مەتبۇئات خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىدە، چوقۇم ئالدى بىلەن ئاخبارات -تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتتى.
بېيجىڭدىكى قانۇن ساھاسىدە ئىشلەيدىغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوت خادىملىرىنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى ئېنىقلىشىغا زور توسالغۇ يارىتىدىغان بولدى، ئەدىلىيە ئورگانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان نازارەت قىلىش خىزمىتىمۇ كوپ توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغان بولدى" دەپ بىلدۈرمەكتە.
كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان سوتچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرقانداق مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقى ھەققىدە بېكىتكەن يېڭى بەلگىلىمىسى توغرىسىدا توختۇلۇپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
- خىتاي ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە
- خەلق ئۆزى ئىشلەۋاتقان قىسقا فىلىملەرنى ھۆكۈمەت ئىنتېرنېت ئارقىلىق توسالمايدۇ
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەيىبلىدى
- خىتاي مۇخبىرى خې چىڭلىيەن خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ئىچكىي سىرىنى ئاشكارىلىدى
- خىتاي، خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىدا قاتتىق تەنقىدلەندى
- دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەت
- خەلقئارا ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 3 چوڭ سولچىلار تور بېتىنى تاقىۋەتتى