خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان مەتبۇئات ساھەسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئارقا - ئارقىدىن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. مەسىلەن دەسلەپتە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايدا ئۇچۇر تارقىتىشىغا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ، بارلىق خەۋەرلەر چوقۇم شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان سوتچى خادىملارنىڭ ھەر قانداق مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.
يەنە يېڭى بەلگىلىمە
بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەنە بەلگىلىمە چىقىرىپ "بۇندىن كېيىن ھەرقانداق چوڭ دېلولارنى پەقەت ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆزىلا ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق مەتبۇئات ئورۇنلىرى چول دېلولار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشى ياكى خەۋەر ئېلان قىلىش ھوقۇقى يوق" دەپ جاكارلىدى.
خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شاۋ ياڭ يېقىندا، بۇندىن كېيىن خىتايدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە بىر قىسىم نۇقتىلىق زور مەسىلىلەردە ئاخبارات باياناتچىسى ئارقىلىق خەۋەر ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئاخبارات ئېلان قىلىشتىكى بىر قىسىم چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى تەكىتلەپ "دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە شۇنداقلا سودا سانائەت ۋە شەخسى مەخپىيەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەزمۇنلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
ئوچۇق ئېلان قىلىنغان كونا بەلگىلىمە
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىلگىرىكى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ مەسئۇلى لى خۇڭ كۇئەن ئەپەندى "مەلۇم بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى يېڭىلىق ئەمەس، كوممۇنىست خىتاي مەتبۇئاتنى كونترول قىلىشتا بۇندىن ئىلگىرى پەقەت مەخپى ھۆججەت چۈشۈرۈپ ‘بۇنى ئېلان قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ’، دەپ بېكىتىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ بۇ خىل چەكلىمىنى ئوچۇق -ئاشكارە ئېلان قىلىشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىشتا ئۆز ئەپتى بەشىرىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لى خۇڭكۇەن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان چەكلىمىلەر ھەققىدىمۇ توختالدى:
"كوممۇنىست خىتاينىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلەرنى چىقىرىشى پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ھوقۇقىغا زور زىيان يەتكۈزگەنلىك. ‘دېلولار مەسىلىسىدە، مەتبۇئات ساھاسىنىڭ ئارلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ’، دېگەنلىك ‘سوت نېمە دېسە شۇ’ دېگەنلىك. ئۇنداقتا سوت ئورۇنلىرى خاتالىشىپ قالسىچۇ؟ ئۇلار بىرتەرەپلىمىلىك بولالماي قالسىچۇ ؟ قىزىقارلىقى سوت مەھكىمىسىدە كومپارتىيىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەگەر بىرەر دېلونىڭ يىپ -ئۇچى كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن چېتىلىپ قېلىپ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماي قالسىچۇ؟ شۇڭا مەنچە كومپارتىيىنىڭ پەقەت سوت مەھكىمىسىنىڭلا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار دېگىنى پۈتۈنلەي يولسىزلىق ".
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت مەھكىمىلىرى تېخىمۇ زومىگەرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرىتارى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە بەرگەن بۇ ئالاھىدە ھوقۇقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ تېخىمۇ زومىگەرلىشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جاباۋ ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلغاندا، مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەتبۇئاتنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆزىنى ئاقلىغان ھالدا" بىزنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئۈچۈن قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئوچۇق سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، بىز پەقەت چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتاي قانۇنىغا بۇيسۇنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز" دەپ بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى ئالىم سېيتوف ئەپەندى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ دېگەن سۆزىگە قارىتا ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. (مېھرىبان)