تىبەتلىك ئايال يازغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە
2006.10.11
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇئائۇندىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ ئەركىن سۆزلەش ھەققىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر شۇنىڭدەك خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت يازغۇچىسى ۋۇسېر خانىم ھازىرلىغان ئېنتېرنېت تور بېتىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. مەتبۇئاتلارنىڭ ۋۇسېر خانىم ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇ لاسادا نەشر قىلىنىدىغان "تىبەت ئەدەبىياتى" نىڭ باش تەھرىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن تۇنجى تىبەت يازغۇچىسى ھېسابلىنىدىكەن.
ۋۇسېر خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تىبەت تارىخى، تىبەت مەدەنيىتى ۋە دىنى ئۆرپ - ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەندىن سىرت، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ تىبەت خەلقىنىڭ ئاسمىلىياتسىيە بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئەگەر بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا تىبەت خەلقىنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقى دادىللىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن.
ۋۇسېر خانىم، بۇ ئەھۋاللارنى يالغۇز ئۆزى يازغان ئەسەرلىرىدىلا گەۋدىلەندۈرۈپ قالماستىن، ئۇ يەنە مەزمۇنى ناھايىتى مول بولغان بىر تور بېتى ئېچىپ، مەزكۇر تور بەتتە تىبەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارىخى، مەدەنيىتى ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر، زىيارەت خاتىرىسى، ئوچېرېك، ۋە ھىكايىلەر نى ئېلان قىلغان ئىكەن.
مەزمۇنى مول بولغان مەزكۇر تور بەتنى، يالغۇز خىتايلارلا كۆرۈپ قالماستىن چەتئەللىكلەر بولۇپمۇ تىبەت مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرمۇ كۆرگەن شۇنىڭدەك بۇ تور بېتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، ۋۇسېر خانىمغا، تور بېتىنىڭ مەزمۇنىنى بەك كېڭەيتىۋەتمەسلىك ھەققىدە بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇپ، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرى تور بەتنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەن.
لاسادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋۇسېر خانىم، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىل ئەجىر قىلىپ ئاچقان تور بىتىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، قانداق بىر ھېسياتقا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:
"ھۆكۈمەت يالغۇز مېنىڭ تور بېتىمنى تاقىۋەتتى، لېكىن ئۇلار مېنىڭ قەلبىمنى، يۈرۈكىمدىكى ھېسياتىمنى ھەرگىز تاقىۋىتەلمەيدۇ، مەن بۇنىڭ بىلەن ھەرگىز توختاپ قالمايمەن، مەن تور بېتىمدە تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلارنى ئەمدى دۇنياغا جاكارلايمەن".
ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرىسىتېتتا ئوقۇۋاتقان جياشى ئىسىملىك تىبەتلىك ياش، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇدا ئىككى يىل، ۋۇسېر خانىم ئاچقان تور بەتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن كۆپ بىلىم ئىگىلىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى:
"مەن ۋۇسېر خانىم ئىشلىگەن تور بەتنى، ھەممىدىن تىبەت دىنىغا ئائىت بۆلۈمىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئىدىم، چۈنكى دىن بىز تىبەتلىك ياشلارنى باشقا يات مىللەتتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز ساقلاپ كەلگەن دىنىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، بۇ تور بەتنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى تىبەت ياشلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ". (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلارنى چەكلەش ھەققىدە كەينى كەينىدىن بەلگىلىمە چىقارماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى سوت خادىملىرىنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
- خىتاي ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە
- خەلق ئىچىدە ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققى قىلغانسېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپى نازارەت قىلىشى شۇنچە كۈچەيتىلمەكتە