خىتاي 8 يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ جىق قامىغان دۆلەت دەپ قارالماقتا


2006.12.08

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينى 8 يىلدىن بۇيان دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قاماپ كېلىۋاتقان دۆلەت دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، "خىتاي ھۆكۈمىتى قولغا ئالغان ۋە تۈرمىگە تاشلىغان مۇخبىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ 4 تىن 3 قىسمىغا "ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان" ياكى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان" دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلگەن" دەپ كۆرسىتىلگەن.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىۋاتقان يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە پىكىر بايان قىلغان ياكى ماقالە ئېلان قىلغانلار ئىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن كىشىلەرنى ئىنتېرنېت ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ھەرقانداق تەنقىدى پىكىرگە يول قويماي كەلگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئېلىن قىلغان بۇ قېتىمقى دوكلاتتا دۇنيا بويىچە قاماقتا يېتىۋاتقان مۇخبىرلار سانىنىڭ 134 كە يەتكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ 31 ئى خىتايدا ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتايدىن قالسا، مۇخبىرلارنى ئەڭ جىق قولغا ئېلىۋاتقان دۆلەتلەر كوبا ۋە ئىتوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىمۇ ئۆز ئالدىغا مەخسۇس ستاتىستىكىلىق دوكلات ئېلان قىلىپ، "2006 ‏- يىلى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مۇخبىرلار سانى 32 گە يەتكەن" دەپ كۆرسەتكەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ سانلىق دوكلاتتا بۇلتۇر قولغا ئېلىنغان 19 نەپەر مۇخبىرنىڭ 5 ئى تىبەتلىك ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. لېكىن مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا بۇ سان كىرگۈزۈلمىگەن. يۇقىرىقى ئىككى تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ھازىر خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مۇخبىرلار سانى 50 كە يەتكەن.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيالىي ۋە مۇخبىرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بولۇۋاتقان بېسىم بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە زىيالىيلىرى تېخىمۇ زور بېسىم ئاستىدا قالغان. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.