چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى


2007.01.24

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 3 نەپەر ۋەكىلى خىتايدا ئىلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كەلدى. "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2008 ‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاراتقان بايقۇتتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان مەزكۈر "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ مەركىزى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ باش كاتىبى Robert Menard، ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم Vincent Brossel ھەمدە تەشكىلاتنىڭ ئاخبارات ئالاقىچىسى Jean-Francois Julliard قاتارلىق ئۈچ كىشى، خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلدى. خىتاينى زىيارەت قىلغان بۇ ئۈچ كىشى پارىژغا قايتىپ كېلىپلا، خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە توختالدى. "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەكىللەر خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولۇپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى شۇنىڭدەك قانداق قىلغاندا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاشتىكى چارە - تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، Robert Menard خىتاي تەرەپ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، تۈرمىگە سولانغان جۇڭگولۇق مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، بېيجىڭدا " چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ شۆبە ئىشخانىسىنى قۇرۇش قاتارلىق شەرتلەرگە خىتاي تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. Jean -Francois نىڭ ئېيتىىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە " چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن.

خىتاي دۇنيا بۇيىچە، مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈشتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تېخى ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي سودا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لەن چېڭجاڭ شەنشى خۇييۈەن ناھىيىسىىدىكى كۆمۈر كاننى زىيارەت قىلىش داۋامىدا كۆمۈر كاندىكىلەرنىڭ ئېغىر تاياق زەربىسىگە ئۇچراپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇخبىرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىش قىلمىشى، باشقا دۆلەتلەردە ئىنتايىن ئاز ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۈر ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنداقلا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن.

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2001 ‏- يىلدىن بېرى، 2008 ‏- يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۈس قىلىپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ساھىپخانلىقىغا ئېرىشىش بىلەن تەڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىشى تولىمۇ ئەجەپلىنەرلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇراسىمىنى باھانە قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىر قاراشلىرىغا ئىگە كىشىلەر بىلەن ئاخباراتچىلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە.

بىراق "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" بۇ قېتىم خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئىپادىسىدە كۆپ ياخشىلىنىشلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆلىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، مەۋجۈت مەسىلىلەرنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە، بىر قانچە ھەپتە ياكى بىر قانچە ئايدىن كېيىن خىتايغا تەكرار ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈرمىگە تاشلانغان ئاخبارات خادىملىرىنى 2008 ‏- يىلىدىن بۇرۇن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئارىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ "ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى چىققان" دېگەن باھانە بىلەن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، " چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ ئەلۋەتتە ئۇلارنىمۇ قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرمەمەت ياسىن ، توختى موزئات قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق بولۇپ، " چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ دوكلاتىدا ئۇلار توغرىلىق مەلۇماتلارمۇ بار ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.