خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتايدىن تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا
2007.02.08
مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى يېقىندا 2006 - يىللىق خەلقئارا مەتبۇئات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە يازغان دوكلاتىدا، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، " ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، خىتايدا بىر قىسىم ناھايىتى ئىقتىدارلىق مۇخبىرلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈرلۈك زەربىلەرگە ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان" دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ يەن ۋە "خەيشيا ۋاقىت گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى چېن شياڭنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى مەملىكەت ئىچىدىكى بىر دىن - بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش ئورگىنى قىلىپ بېكىتكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئات ساھەسىدە قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى مەلىسىدە ئەڭ زور ئارقىغا چېكىنگەن دۆلەت
خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى باشلىقى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ 2006 - يىلىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا، ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئەڭ زور چېكىنگەن دۆلەت خىتاي ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى:
"بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي ئەڭ ئېنىق بىر مىسال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خۇ جىنتاۋ تەخىتكە چىققاندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك كۈچىيىپ كەتتى. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، خىتايدىكى مەتبۇئاتنىڭ سودا - تىجارەتكە قاراپ مېڭىشى مۇخبىرلارغا تۈرلۈك يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم ئىلغار ۋە مۇستەقىل روھقا ئىگە بولغان مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىندى. مەسىلەن، "بىڭدىيەن ژۇرنىلى" نىڭ باش تەھرىرى لى داتۇڭ ۋە مۇئاۋىن باش تەھرىرى لۇ يۆگاڭ، " پۇقرارلار جورنىلى "نىڭ باش تەھرىرى خۇئاڭ تيەنلياڭ قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى زەربىسىگە ئۇچرىغان ".
خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى دوكلاتتا " خىتايدا ھازىر يەنە 31 نەپەر مۇخبىر تۈرمىدە ياتماقتا. خىتاي بولسا ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قولغا ئېلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ ھېسابلانماقتا. ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان بىر قىسىم مۇخبىرلار ئارىسىدا بەزىلىرى 1983 - يىلى قولغا ئېلىنغانلار بولۇپ، بەزىلىرىگە ھەتتا مۇددەتسىز جازا بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلارنى قولغا ئېلىشتا ئۇلارغا داۋاملىق ‘دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا ئۇچۇر بەرگەن’ دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي قانۇنىدا تا ھازىرغا قەدەر ' دۆلەت مەخپىيەتلىكى' ھەققىدە ئېنىق بىر بەلگىلىمە بولمىغان" دەپ كۆرسىتىلگەن.
مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىش ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىپ كەلمەكتە
خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مەسئۇلى جېئون خانىم "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتقا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا سۆزلەش ئەركىنلىكنى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى دەپ كۆرسەتكىنى بىلەن، مەتبۇئات ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردە ‘يۇقىرىنىڭ تەستىقىسىز ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ’ دەپ يېزىلغان. دېمەك خىتايدا تا ھازىرغا قەدەر مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىش ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىپ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.
خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقىنى بوشايتىشى ھەمدە كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن، تۈرمىدە يېتىۋاتقان مۇخبىرلارنى تېزدىن ئەركىنلىككە چىقىرىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى
- كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېڭى مەتبۇئات بەلگىلىمىسىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا
- ئۇزۇن يىل نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان باۋ تۇڭ ئەركىن ھالدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
- خىتاي، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ 2008 - يىلى ئۆتكۈزىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇردى
- خىتاي 8 يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ جىق قامىغان دۆلەت دەپ قارالماقتا
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە ئەرزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە