'ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا كىرىشى كېرەك'

يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئاياللارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى، بولۇپمۇ تۇغۇتتىن مەيدانغا كەلگەن ئۆلۈم مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بىر يىغىندا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئالدىنقى مەسىلە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭼﯩﻠﻰ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻣﯩﺸﺎﻝ ﺑﺎﭼﯩﻠﯧﺖ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺷﻠﻰ ﺟﯘﺩﺩﻻﺭ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭼﯩﻠﻰ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻣﯩﺸﺎﻝ ﺑﺎﭼﯩﻠﯧﺖ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺷﻠﻰ ﺟﯘﺩﺩﻻﺭ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى تەشەببۇس قىلىنغان يىغىندا، ھامىلە جەريانىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋە ئاياللارنىڭ بىخەتەر تۇغۇت مەسىلىسى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىندى.

مەزكۈر يىغىنغا 3000 كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئاياللارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسلە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشى تەشەببۇس قىلىندى.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ستاتىستىكا مەلۇماتىغا قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادا ھەر 90 سىكۇنتتا بىر ھامىلدار ئايال، تۇغۇت جەريانىدا يۈز بېرىدىغان قوشۇمچە تەسىرلەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت ھەر يىل 4 مىليون يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قازا قىلىدىكەن. ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى ھەر يىلى 15 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى زىياننى مەيدانغا كەلتۈرۈدىكەن.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بۇ مەسىلىدە ئورتاق بىر پىكىرگە كېلىپ، ئاياللار ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغنىڭ، بالىلار، ئائىلە ۋە پۈتۈن جەمئىيەت ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكى يىغىننىڭ قارارى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىرلاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى Mary Robinson خانىم، "بۇ مەسىلىگە كىشىلىك ھوقۇق كاتېگورىيىسى بويىچە قارىشىمىز لازىم، ئاياللار ھوقۇقى، ئەسلىدە كىشىلىك ھوقۇق ھېسابلىنىدۇ" دېدى.

Mary Robinson خانىم نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا سەل قاراش، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا سەل قاراش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرىي خانىم، تۇغۇت جەريانىدا ئۆلىدىغان ئاياللارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تېگىشلىك قوللاشقا ئېرىشىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن يىلىغا 12 مىليارد دوللار سەرپ قىلىش پىلانىنى كۆرسەتتى ۋە بۇ مىقدارنىڭ ئەسكىرى چىقىم، ۋەيران بولغان بانكىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەجلەنگەن تېرليونلارچە دوللارغا قارىغاندا ناھايىتى ئاز بىر سان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى Ashley Judd، خەلقئارالىق سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق نوپۇس خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بالىلار ۋە ئاياللار سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاشلېي خانىم: "ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئىقتىسادنىڭ ئازلىقىدىن كۆپ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن ئاساستا، بىر ھاياتنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك" دېدى ۋە بۇ مەسىلە ئۈچۈن خېلى كۆپ مىقداردا پۇل ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بايلاردىن بىرى Bill Gates نىڭ خانىمى Melinda Gates، ئايال ۋە بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، Bill ۋە Melinda Gates فوندىدىن 5. 1 مىليارد دوللار ئاجراتتى.

Gates فوندى تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان پۇلدىن 94 مىليون دوللار ھىندىستانغا، قالغىنى ئېفىئوپىيىدىكى ئايال ۋە بالىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇت ئۈستىدە قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تېخىمۇ ئوچۇق ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت