ئۇيغۇر ئاياللىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتامدۇ؟ (1)


2007.03.07

كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىسى، 2007 ‏- يىللىق " نوبىل " تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى بولۇپ تونۇلغان رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاياللارغا تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ھەقىقەتەن رابىيە قادىر خانىم ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەركىن ‏- ھۆر دۇنيانىڭ ئاياللىرىغا ئوخشاش، ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولغان بارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا تامامەن ھەقلىق.

بىز يەنە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئايگۈل خانىم، ۋەتەندە تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرە سىيىتنىسا لوقمان خانىم ۋە كانادادىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى گۈزەل خانىملارنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، ئۈچ كىشىلىك تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.