ئەنقەرەدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
ayallar-bayrimi.jpg
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش. RFA

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت-ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت-ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھەيرۇللا ئەپەندىگۈل بايانات ئېلان قىلىپ، خوتۇن قىزلار شادلىققا چۆمۈشى كېرەك بولغان بۇن كۈندە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ كۈننى كۆز ياشلىرى بىلەن كۈتىۋالىدىغانلىقىنى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلىۋالغان 1949-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئاددى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى مەتبۇئاتلارغا ئاڭلاتتى.

نامايىشقا قاتناشقان، ۋەتەندىن يېڭىلا چىققان بىر ياش ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى قەتلىئامدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.