خەلقئارا جامائەت ئاياللارنىڭ سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلماقتا

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەلقئارا ئاياللار بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاناھلانغۇچىلار بىلەن كۆچمەنلەرگە مەسئۇل باشقارمىسى، نۆۋەتتە ئاياللارنى سېتىش ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئەۋج ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

8-مارت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياللار ھوقۇقى

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى، غەرب ئەللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئاياللارنىڭ قارا گۇروھ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق تەھدىتىگەئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەتكەسچىلەرنىڭ شەرقىي ياۋروپا ئاياللىرىنى غەربىي ياۋرۇپاغا يۆتكەۋاتقانلىقىنى بۇ ئارقىلىق غەربىي ياۋروپادىكى پاھىشە بازارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەكىتلەنگەندەك خەلقئارا ئاياللار بايرىمى خاتىرىلىنىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، مالايسىيانىڭ سابىق ۋەزىرىنىڭ قىزى، يەنى مەزكۈر دۆلەتتە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى پائالىيەتچى مالىنا خانىم، مالايسىيادا ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تەڭ، ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمنى تەنقىد قىلغان.

8 ‏- مارت كۈنىنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتىش، 1910 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا دانىيىدە، خەلقئارا سوتسىيالىزم لاگىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان يىغىندا ۋەكىللەر تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن سولچى تەشكىلاتلارمۇ ئاياللار ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىئىنى تەكىتلىگەن. شۇندىن ئېتىبارەن كۆپلىگەن دۆلەتلەردە بۇ كۈن ئاياللار بايرىمى بولۇپ خاتىرلىنىشتىن سىرت، ھەر يىلى 3 ‏- ئايدا ئاياللار ھوقۇقىئىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

1977 ‏- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، قارار ماقۇللاپ 8 ‏- مارت كۈنىنى ئاياللار ھوقۇقى ۋە خەلقئارا تىنچلىق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25 يىلدىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئورنى ھەمدە ھوقۇقىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن، ئاياللار مائارىپ ۋە سەھىيە ساھەسىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىپلا قالماي، نۆۋەتتە سىياسەت شۇنىڭدەك سودا ساھالىرىدىمۇ چوڭ رول ئوينىماقتا.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى

ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يەنىلا، دۇنيا ئاياللىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھەق ‏- ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ. ھەممىدىن پاجىئەلىك، ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايدىغان، ئۈن – تۈنسىز يەرگە قاراپ ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىيەلمەيدىغان، يۈرىكىدىكى ھەسرىتىنى بالىلىرىغا ئېيتالمايدىغان، كۆككە قاراپ ۋارقىرىسا، كۆكتىكى بۇلۇتتىنمۇ قورقىدىغان، ئەتراپىغا قاراپ پىچىرلىسا ئەتراپىدىن قورقىدىغان بىر خىل ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى شۇنداق ھالەتتە ياشاۋاتسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئويغانماي ئارقىدا قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پاجىئەسىگە ئۆزى خاتىمە بېرىش توغرىلىق توۋلىيالمايدۇ؟ سەۋەبى، ئۇيغۇر ئاياللىرى مائارىپسىز قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي كومپارتىيىسى ئوقۇشتىن قالدۇرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى مائارىپتىن چېكىندۈرىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن قالدۇرىۋاتىدۇ، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرمايۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن چېكىندۈرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئوقۇشسىز، مائارىپسىز قالدۇرىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يالغانچىلىقىنى يادلايدىغان، نېمە دېسە قۇللارچە باش ئىگىپ ماڭىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. بۇنداق پاجىئە بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىمىز بىرلىشىپ كېتىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆيىدە ئۆزىنىڭ قۇللۇق ھاياتىغا ئەلھۆكمىلىللا دەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بىر قىسىم ئاياللار دۆلەت رەھبىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلەش نىسبتى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. ھەتتا تەرەققى تاپقان دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ سودا، سىياسەت ھەمدە ئىلىم ساھەسىدە ئالىي دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈتۈشتە ئاياللار سانى يەنىلا ئەرلەردىن ئاز ھېسابلىنىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، كوفى ئاننان خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاياللارنىڭ سىياسىي ھوقۇق بەلگىلەش ئورنىغا ئىگە بولۇشى، ئاياللار تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا نۇقتىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا مىڭ ئانا شىركىتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، بىراق، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇنىڭغا يول قويماي تارمار قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (ئەقىدە)