ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسى ئاياللار كېچىلىكىدە
2006.03.14

8-مارت خانىم قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسى ئاياللار دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈركىيە ۋە قازاقىستاننىڭ ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈرك دۇنياسى ئاياللار كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ كېچىلىككە ئازەربايجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەردىن باشقا تاتار، ئۇيغۇر، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئىران ئازەرىلىرى قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرمۇ كېچىلىكتە ئايرىم - ئايرىم بۆلمىلەر ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى، يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تونۇتتى.
كېچىلىكتىكى ئۇيغۇر بۆلمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كېيىم-كېچەكلىرى، چالغۇ-ئەسۋابلىرى، ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان كىتاپ ژورناللار قويۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن سامسا ۋە پولو مېھمانلارغا سۇنۇلغان بولۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئىشتىياق بىلەن يېدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاياللىرى كوممۇنىستلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشىماقتا
- خەلقئارا جامائەت ئاياللارنىڭ سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئەنقەرەدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- 8 - مارت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر
- ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى