ئۇيغۇر دېھقان ئاتىنىڭ ئارزۇسى


2006.05.02

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرى يېڭى ئاۋات كەنتىدە ئابلىز نۇرەك ئىسىملىك،بۇ يىل 73 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئاددى دېھقان بوۋاي بار. مانا بۇ ئاددى بوۋاينىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى، ئىمان ئىخلاسى نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا چۆچەك بولۇپ تارقالماقتا. چۈنكى بۇ ئاتا تاشلىۋېتىلگەن بىر كېسەل قىز بوۋاقنى بېقىۋېلىپ، سەككىز يىلدىن بۇيان، ئايبۇلاق دەپ ئىسىم قويغان بۇ قىزىنى بېقىش ، داۋالىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ سەرمايىسىنى چىقىم قىلىپ زارلانماي ياشاپ كەلمەكتە. ئۇ نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن 2005 - يىلى شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخسنىڭ نامزاتى بولۇپ تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن.

بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاددىغىنا بوۋاينىڭ ئالىيجاناپلىق ئىش پائالىيەتلىرى كىشىلەردە تەسىر قوزغاپلا قالماي، ئۇنىڭ بېقىۋالغان قىزى ئايبۇلاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئايبۇلاقنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ، دوختۇرخانا ئارقىلىق ئابلىز بوۋاي ھەمدە ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئالاقىلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.