0:00 / 0:00
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى ئىلگىرىكىدىن يەنىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا مەزكۇر كېسەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4386 غا يەتكەن. يەنى بۇلتۇرقىدىن 800 بىمار كۆپەيگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى نېمە ئۈچۈن بۇنچە تىز بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.