خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزنىڭ مەقسىتى ئايروپىلاننى پارتلىتىش، دەپ ئېلان قىلدى


2008.03.13

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى "خەلق گېزىتى " قارمىقىدىكى "يەر شارى ۋاقتى" گېزىتى 7 ‏ - مارت كۈنى ئۈرۈمچى - بېيجىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئاتالمىش ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە توغرىسىدا ئوخشىمىغان بايانلاردا بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋەقەنى "ئايروپىلان قازاسى پەيدا قىلىش يولىدىكى ئۇرۇنۇش " دەپ تەكىتلىگەن بولسا، پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە باغلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئالدىنقى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ۋەقەنى " بىر يولۇچىنىڭ گۇمانلىق سۇيۇقلۇقنى ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىش ۋەقەسى " دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. لېكىن خىتاينىڭ "يەرشارى ۋاقتى" گېزىتى پەيشەنبە كۈنى ۋەقەنىڭ ئاتالمىش ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە ساقچىلار ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان 19 ياشلاردىكى ئۇيغۇر قىزنىڭ ھەرىكىتىنى ئايروپىلاننى پارتلاتماقچى بولغان " تېررورلۇق ھەرىكەت" دەپ مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىۋوپۇ ئايرودرومىدىكىلەر ۋەقەگە ئائىت بايانات بېرىشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلماقتا

خەۋەردە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: يولۇچى قىز ئىچىملىك قەلەي قۇتىسىغا بېنزىن قاچىلاپ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودرومىدىن ئايروپىلانغا چىققان، ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ تەخمىنەن 40 مىنۇتلاردىن كېيىن قىز ھاجەتخانىغا كىرىپ، قەلەي قۇتىدىكى بېنزىننى پارتلاتماقچى بولغان، چۈنكى ئايروپىلاننىڭ ماي باكى ھاجەتخانىنىڭ ئاستىنقى قىسمىغا جايلاشقان ئىدى.

خەۋەردە كۈتكۈچىلەرنىڭ ۋەقەنى ۋاقتىدا بايقىۋالغانلىقىنى ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ يولۇچى قىزنى بويسۇندۇرۇپ، زور پاجىئەنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى، لېكىن ئايروپىلان لەنجۇ ئايرودرومىغا جىددىي قونغانلىقىنى يازىدۇ. دىۋوپۇ ئايرودرومىدىكى دائىرىلەر ۋەقەگە ئائىت مەسىلىلەردە بايانات بېرىشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلماقتا. ئايرودرومنىڭ بىر كادىرى مۇخبىرىمىزغا ۋەقەگە ئائىت سوئاللارغا تېلېفوندا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى تېلېفوندا مۇخبىرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە نىسبەتەن گۇمانى ئۆزگەرمىدى

" يەر شارى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان ۋەقەنى تەكشۈرۈشتىن خەۋەردار بىر ساقچى ئەمەلدارى يولۇچى قىزنىڭ ئارقىسىدا "تېررورچى" تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ " بۇ ۋەقە ياخشى تەييارلىق كۆرگەن، ئەتراپلىق پىلانلانغان، زىچ ماسلاشقان تېررورلۇق ھۇجۇم " دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن نۇر بەكرى بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ بىر كۈندىن كېيىن يەنى 8 ‏ - مارت كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋەقەنى " ئايروپىلان قازاسى پەيدا قىلىش يولىدىكى ئۇرۇنۇش" دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى " تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى" دەپ مۇقەررەرلەشتۈرمىگەن ئىدى.

ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 7 كۈن بولۇپ قالدى. "يەر شارى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر ۋەقە سادىر قىلغۇچى قىزنىڭ ئىسمى، كەسپى، يۇرتى، ئائىلىسى ۋە ئايروپىلان پارتلىتىش مەقسىتى توغرىسىدا يەنىلا يىپ ئۇچى بەرمىگەن، لېكىن قىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ "ئالدام خالتىسىغا" چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. "يەر شارى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مەلۇماتى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە نىسبەتەن گۇمان بىلەن قاراش پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى.

" خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئويۇنى "

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ۋەقەنى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ " ئويۇنى" دېگەن قارىشىدا چىڭ تۇرماقتا. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قۇرۇلتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىنى يەنە تەكرارلىدى. كىشىلەر دىۋوپۇ ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى ناھايىتى چىڭ تۇرسا، قىز بېنزىننى ئايروپىلانغا قانداق ئېلىپ چىقالىدى؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا قىزىقماقتا.

"يەر شارى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ، بۇ قىزنىڭ دائىم ئايروپىلاندا قاتناپ تۇرىدىغان، ئايرودروم خادىملىرىغا تونۇش يولۇچى ئىكەنلىكى، ئۇ ئايرودروم بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىپ، بىخەتەرلىك ئېغىزىدىكى ياشانغان بىر خادىمنىڭ سەل قارىغانلىقى تۈپەيلى بېنزىن قاچىلانغان ئىچىملىك قۇتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ساقچىلار ۋەقەنىڭ ئارىسىدا " تېررورچى" تەشكىلات بار، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ " تېررورچى" تەشكىلاتنىڭ زادى قايسى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماي كەلمەكتە.

" ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا باھانە بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمىز "

خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۈرۈمچى بەخت باغچىسى ئائىلىلىكلەر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋە 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە چاتقان ئىدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئانالىزچى فاڭ جۆي بۇ تۈردىكى ۋەقەگە گۇمان بىلەن قارايدىغان خىتاي زىيالىيلارنىڭ بىرىدۇر.

بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە "شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىتاي نىشانلىرىغا قارشى ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى مەۋجۈت بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۇجۇملارنىڭ غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئاز " دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن فاڭ جۆي، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا چۈشەندۈرىدۇ. "ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى خەنزۇلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ج خ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى سەگەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇلارنىڭ ناھايىتى مۇستەھكەم تورى بار، ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ناھايىتى چىڭ."

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلار بۇ ۋەقەدە خىتاي دائىرىلىرىنى پاكىتنى مەخپىي تۇتۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ۋە بۇ ۋەقە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا باھانە ‏ - سەۋەب بولۇپ بېرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەققىدىكى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇش باھانىسى قىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.