ئايروپىلان ۋەقەسى گۇماندارىنىڭ ئىسمى: گۈزەلنۇر تۇردى


2008.03.27

XitayAryupilani-200.jpg
ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە، CZ6901 نومۇرلۇق ئايروپىلان بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ئايرۇپىلان. AFP Photo

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۈگۈن يەنى 27 ‏ - مارت كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 7 ‏ - مارت كۈنى ئايروپىلان قازاسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى دەپ قولغا ئېلىنغان 3 گۇماندارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇماندار 19 ياشلىق قىز، ئۇيغۇر، ئىسمى گۈزەلنۇر تۇردى. باياناتتا گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ 7 ‏ - مارت كۈنى، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ئائىت، CZ6901 نومۇرلۇق ئايروپىلاننى قازاغا ئۇچرىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەكرار بىلدۈرۈلگەن.

كۇچا ساقچىسى:‏ 19 ياشلىق گۇلنار تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچىمۇسىز ؟

19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ، ئايروپىلانغا بېنزىن قاچىلانغان ئىچىملىك قۇتىسى بىلەن چىققانلىقى،بىر بېنزىن قۇتىسىنى ئايروپىلاننىڭ قول يۇيۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ ئىككىنچى قۇتىنى ئەكىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا يەنى بېنزىنغا ئوت يېقىشنىڭ ئالدىدا، ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ چوڭ قازانىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلگەن. تۈنۈگۈن خىتاي ئاخباراتى مەزكۇر قازانىڭ ئالدىنى ئالدى دەپ قارىغان جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خادىملىرىغا 67 مىڭ دوللار يەنى 470 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ۋەقەنىڭ داۋاملىق تۈردە چوڭقۇرلاپ ئېنىقلىنىۋاتقانلىقىنى، قالغان مەلۇماتلارنىڭ بۇندىن كېيىن بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە ھەققىدىكى ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلەردە، ۋەقە گۇماندارى بولغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزنىڭ يۇرتىنىڭ كۇچا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۈگۈن كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە قارشى تەرەپكە، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتىنى خاتىرلىتىپ، بۇ قىز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. قارشى تەرەپ دېلو ئارخىپىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، 19 ياشلىق گۇلنار تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچىمۇسىز دەپ سورىدى ۋە ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قارشى تەرەپ ئارخىپىغا قاراپ بىلدۈرگەن ئىسىم بىلەن ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرگەن ئىسمى پەرقلىق. بىز ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ۋاز كەچتى ۋە ئىدارە رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنى بىلدۈردى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر مەسئۇل خادىمى بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە، بىزنى كۇچاغا بېرىپ نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلەشكە چاقىردى. ئۇلار ئارقىدىنلا، ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاخباراتتا ئېلان قىلىپ بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشكە ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن: " ئۇنداقتا، كۇچا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋەقەدىن خەۋەرسىز دەپ خەۋەر قىلساق بولامدۇ " دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭغا قېتىلمىدى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئارىدىن 3 ھەپتە ئۆتتى، مەلۇمات يەنىلا تولۇق ئەمەس

ئالدىنقى خەۋەرلەردە، خىتاي تەرەپ ۋەقە گۇماندارى بولغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا پاكىستانغا چىقىپ تەلىم ئالغانلىقىنى ۋە ئايروپىلانغا ئۇلارنىڭ پاكىستان پاسپورتى بىلەن چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا بىز، پاكىستاندا ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ياشىغان ھىدايىتۇللاھ ئەپەندىدىن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق: " مەن ئوقۇۋاتقاندا - 8 يىلنىڭ ئالدىدا - 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىدى، قىزلارنىڭ سانى بەك ئاز ئىدى. گۈزەلنۇر دېگەن ئىسىملىك بىرىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم" . پاكىستاندا ئوقۇغان بىر خانىم ۋەقە ھەققىدە مۇنداق دېدى: " مەن ئوقۇغان چاغدا 8 قىز بار ئىدۇق، ھەممىمىز ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيتۇق. ئۇنداق بىر قىزنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم."

بىز بۈگۈن يەنە كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتچى بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم، شۇنداق بىر ۋەقەدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، قىزنى كۇچادىن دەپ ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى."

7 ‏ - مارت ئايروپىلان ۋەقەسى ئارىدىن 3 ھەپتە ۋاقىت ئۆتكىنىگە قارىماي، تولۇق ئېنىقلىق قازانغىنى يوق. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن مەزكۇر خەۋەر ياكى ۋەقەنى ياساپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ھەددىدىن تاشقىرى زۇلۇمىغا تاقەت قىلالمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن مۇنداق بىر ۋەقەنى تۇغدۇرۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىمۇ پەرەز قىلماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.