0:00 / 0:00
ئازاربايجاندا 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام يېقىنلاشقانسېرى ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە. ئازاربايجان جۇمھۇر رەئىسى ئىلخان ئالىيېۋنىڭ 4 مىنىستىرىنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە تۈركىيىدىكى مەتبۇئاتلارمۇ كەڭ-كۆلەمدە يەر بەردى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئازاربايجاننىڭ باكۇ شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ژورنالىست ئابباس ياركەندى ئەپەندى ۋە ئازاربايجانلىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى جاۋىت ۋەلىيەۋ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.