دېھقانچىلىق بېجى يوق قىلىنىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ يۈكى يېنىكلىدىمۇ ؟


2006.03.13

بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن، يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ كېلىپ "بولۇپمۇ ھازىر ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق بېجىنى بىكار قىلغاندىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ يۈكى يېنىكلەپ، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى" دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە 2600 - يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دېھقانچىلىق بېجىنىڭ ئاخىرلىشىشى كومپارتىيىنىڭ ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

لېكىن رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، دېھقانچىلىق بېجى يوق قىلىنىشى بىلەن، دېھقانلارنىڭ يۈكى يېنىكلەش ئەمەس بەلكى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك ئېغىرلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.