ھۆكۈمەتنىڭ باج بىكار قىلىش چارىلىرى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتىمۇ؟
2005.12.06

تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىللىق دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە، ئۇيغۇر ئېلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسى ئاساسلىق باج ئىسلاھات مەركىزى قىلىنغان. بۇ ئىسلاھات بويىچە دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى بارلىق ئارتۇق باج-سېلىقلار بىكار قىلىنىشتىن سىرت، كەمبەغەل دېھقانلارغا ھەتتا قوشۇمچە تەمىنات ھەققى بېرىلگەن.
باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر نەپەر كادىر بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ يەردە باج ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ تەخمىنەن 2000 يۈئەندىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ يەنە، بۇ يەردە كەمبەغەل دېھقانلارنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، بىر قىسىم نامرات دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 300-400 يۈئەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باي ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى يۇك ھەقىقەتەن يېنىكلىدىمۇ؟ دېھقانلار باج – سېلىقنى بىكار قىلىش سىياسىتىدىن ھەقىقەتەن بەھرىمان بولىۋاتامدۇ؟
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ يەرلىك دېھقانلارنى تېلېفون زىيارىتى قىلىپ تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ يېڭى باج سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى باي قىلامدۇ؟
- باي ناھىيىسىدە كان ئاستىدا قالغان 14 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان
- بايدىكى كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان 14 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن
- خىتايدا يېزا- كەنتلەردە ئۇرغۇۋاتقان دېموكراتىك ئاڭ
- گۇاڭدۇڭدىكى يەر داۋاسى ۋەقەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىش بولدى؟
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەجبۇرى ئۆرۈك تېرىپ زىيان تارتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلى خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتمەكتە