شەنشىدىكى قارا خۇمداندىن بىر ئۇيغۇر بالا ئىشچى تېپىلدى


2007.06.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا خىتاي ساقچىلىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈنچىڭ ۋە جىنچىڭ ۋادىسىدىكى قارا خۇمدانلىقتىن قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان 217 نەپەر كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 29 نەپەر بالا ئىشچى بارلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان تىزىملىككە قارىغاندا بۇ 217 نەپەر كىشىنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئۇيغۇر بالا بار ئىكەن. ئىنسان تەبىئىتى كۆتەرگۈسىز دەرىجىدە خورلانغان قارا خۇمدانلىقتىكى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغان بۇ ئۇيغۇر زادى كىم ؟ ئەپسۇسكى، پۈتۈن دۇنيانى زىل- زىلگە سالغان بۇ خەۋەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى بولسا خەۋەرسىز.

ئادىلنىڭ شەنشىدىكى خۇمداندا نىمە ئىشى بار ئىدى

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى پەيشەنبە كۈنى شەنشىدىكى قارا خۇمدانلىقتىن قۇتقۇزۇپ چىققان 217 نەپەر ئادەمنىڭ 29 نەپىرى ئۆسمۈر بالىلار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندا، كىشىلەر بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تور بەتلىرىدە تارقاتقان قارار خۇمدان ۋەقەسىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار تىزىملىكىدە، ئادىل ئىسىملىك 20 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئۇيغۇر ياش زادى كىم ؟ ئادىلنىڭ ئاتا - ئانىسى قەيەردە ؟ ئۇ شەنشى تۆپىلىكىدىكى ئىس- تۈتەك ۋە توپا - چاڭ باسقان، ئېغىر ئەمگەك شۇنداقلا تەن جازاسى ھەم ئىنساننىڭ ئىززەت -ھۆرمىتى كۆتەرگۈسىز ھاقارەتلەر ئاستىدا ئەمگەككە سېلىنىدىغان بۇ خۇمدانغا قانداق كېلىپ قالدى ؟ بۇ يەردە قاچاندىن بېرى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتاتتى ؟ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن بۇنى ھازىرغا قەدەر بايقىيالمىدى ؟ بۇ مەسىلىلەر ھازىرچە بىز ۋە كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يەنىلا بىر سىر.

خۇمدان ۋەقەسى دەپسەندىچىلىكنىڭ تىپىك مىسالى

ئامېرىكىدىكى ئانالىزچى ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى، بۇ ۋەقە خىتايدا ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇ، " بۇ ۋەقە جۇڭگودا ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى. ئىككىنچىدىن، بۇ ۋەقە جۇڭگونىڭ ئەركىنلىككە، ئاخباراتنى قويۇۋېتىشكە قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى بۇ ۋەقەنى تورداشلار ئىنتېرنېتتە پاش قىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە جامائەت پىكىرى قوزغاپ، ھۆكۈمەتنى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرلىدى. شۇڭا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھازىرقى مەۋجۈت سېستىمىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ پۇقرالار بىلەن پۈتۈنلىشىشتىكى پۇرسەت،"دەيدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ساقچىلار ئادىلنىڭ زۇۋانىنى ئۇقالمىغانلىقىنى يازماقتا. ئەمما ئۇ، خىتايچىنى بىلمىگەنلىكى تۈپەيلى غەرىزىنى ئۇقتۇرالمىدىمۇ ياكى ئەقلى ھۇشىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكى ئۈچۈن غەرىزىنى بىلدۈرەلمىدىمۇ ؟ دېگەن مەسىلە ئايدىڭلاشمىدى. كىشىنى ھەممىدىن بەك ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلا - غۇلا قوزغىغان بۇ ۋەقەدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى خەۋەرسىز. بۇ مەركەزنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نۆۋەتچى خادىمى، " بىزنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىمىز يوق. مەن بۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن،" دەپ كۆرسەتتى.

ھۆكۈمەت نىمە قىلىش كېرەك ؟

شەنشىدىكى قارا خۇمدانلىقلاردا بالىلار ۋە كىشىلەرنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىش ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈش يېقىندا خېنەنلىك 400 نەپەر ئاتا - ئانىنىڭ " بالىلار شەنشىدىكى خۇمدانلىقلارغا سېتىلىۋاتىدۇ‏ - 400 نەپەر ئاتا - ئانىنىڭ قان زارى" دېگەن چاقىرىقنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشلاندى.

خېنەنلىك ئاتا - ئانىلار چاقىرىقنامىدا ئادەم بىدىكلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى جېڭجۇدا شەنشىدىكى قارا خۇمدان ئىگىلىرىگە 500 يۈەندىن ساتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ شەنشىدىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان خىلۋەت خۇمدانلىقلاردا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى پاش قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى زەربە بېرىش نۇقتىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " ھۆكۈمەت بۇنداق ئىشلارغا زەربە بېرىش دەرىجىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەسلى بۇنداق ئىشلارنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش كېرەك ئىدى. ئەڭ مۇھىمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش " دەيدۇ.

ساقچىلار بالىلارنى قۇتقۇزماستىن ئاتا-ئانىلارنى توسىغان

قارا خۇمدان ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يەردىكى بالىلار ئېغىر خورلۇققا ئۇچراپلا قالماي، يەنە دائىم ئاچ قويۇلغان ۋە كۈنىگە 14 سائەتتىن كۆپ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ۋە باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ، بەزى بالىلار جان ئۈزمەي تۇرۇپلا تىرىك كۆمۈۋېتىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.

قارا خۇمدان ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە كىشىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەنى بىلەلمىدى ؟ دېگەن سوئالنى تۇغدۇرماقتا. خېنەنلىك 400 نەپەر ئاتا - ئانىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى چاقىرىقنامىسىدا، بەزىلەر ئاتا ‏- ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە شەنشىگە بارسا، ساقچىلار بۇ كىشىلەرنىڭ بالىلارنى قۇتقۇزۇشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ۋە بالا ئىشچىلارنى سېتىش سودىسىدا ساقچىلارنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلار نازارىتىدىكى يۇقۇرىقى خادىم، "بەزى ئىشلارنى بىز پۇقرالار بىلىپ كېتىشىمىز تەس. ساقچىلار قوشۇنىدا بەزى مۇناپىقلارنىڭ بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن. بۇ تۈردىكى ساقچىلار جۇڭگودا ئادەم بىدىكلىرىگە ئالاقىدارلا ئەمەس، باشقا ساھەلەردىمۇ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرىدىغان ساقچىلار بار "دەيدۇ.

خۇمدانلاردا تېخىمۇ كۆپ بالا ئىشچىلار بولۇشى مۈمكىن

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، شەنشىدىكى قارا خۇمدانلىقلاردا قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان بالا ئىشچىلار ئاز دېگەندە 1000 غا يېتىشى مۇمكىن.

شەنشىدىكى قارا خۇمدان ۋەقەسى بۇنىڭدىن 2 كۈن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئۆتكىلى، ئاخىرقى بېكىتى ۋە مەنبەسى، دەپ تەنقىد قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت