ئادىل سىز قەيەردە؟

0:00 / 0:00

شەنشى ئۆلكىسىدىكى قارا خۇمدانلىقلاردا قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان تۆت يۈزدىن ئارتۇق ئىشچى ھەم بالا ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋەقەسى يېقىندىن بۇيان پۈتۈن خىتاينىلا ئەمەس ھەتتا دۇنيانىمۇ زىلزىلىگە سالغان بىر ۋەقە بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي تور بەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلغان بۇ كىشىلەر تىزىملىكىدە بىر نەپەر ئادىل ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ بولۇشى ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتتى، ھەيران قالدۇردى. ئەپسۇس تىل ‏- ئالاقە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تارقاتقان بۇ قارا خۇمدان ۋەقەسىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار تىزىملىكىدە پەقەت ئادىلنىڭ 20 ياشلاردىكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن باشقا ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن،ئادىلنىڭ ساقلىق ئەھۋالى، ئۇنىڭ زادى كىملىكى،قانداق بولۇپ شەنشىگە بېرىپ قالغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ تارتقان ئازاب ‏- ئوقۇبەتلىرى قاتارلىقلار يەنىلا بىر سىر. بۇ ئۇيغۇرلارنى ئادىل توغرىلىق تەپسىلىيرەك ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە تېخىمۇ تەقەززا قىلماقتا.

خىتاينىڭ " پاراۋان جەمئىيىتىدىكى " قۇللۇق

بالىسىنى يۈتتۈرگەن تۆت يۈز نەپەر خېنەنلىك ئاتىنىڭ خىتاي تور بەتلىرىگە قان يېشى بىلەن يازغان " بالىلىرىمىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار " تېمىسىدىكى مۇراجەتنامىسى بىلەن خىتاينى زىلزىلىگە سېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەخسۇس قارار ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان شەنشى قارا خۇمدان ۋەقەسى ھەققىدە ھەر كۈنى يېڭى مەلۇمات ھەم ئۇچۇرلار تارقالماقتا.

جۈمە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەنشىدىكى قارا خۇمدان ۋەقەسى پاش بولغان ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر شەنشى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ھەمدە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قاتارلىق دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر قايسى قارا خۇمدان ھەمدە قارا كانلاردىن قۇتقۇزىۋېلىنغان قۇللۇققا سېلىنغان ئىشچىلارنىڭ سانى 468 نەپەرگە يەتتى. شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان قىزىل باشلىق ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جۈمە كۈنى شەنشى ئۆلكىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن،15 - ئىيۇندىن باشلاپ -15 ئىيۇلغىچە بىر ئاي ئىچىدە شەنشى ئۆلكىسىدىكى قانۇنسىز قارا خۇمدان ھەم ھەر خىل كىچىك كانلارنى قاتتىق تازىلاپ تۈگىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

قارا خۇمدان ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدە ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغاننىڭ بىرى ئۇيغۇر

ئېلان قىلىنىشىچە، شەنشىدە ئىشچى ۋە بالا ئىشچىلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان خۇمدان، كان، كارخانا قاتارلىق قارا ئۇۋىدىن 769 ى بولۇپ،بۇ جايلاردا سىرتلاردىن كەلگەن ئون مىڭ 389نەپەر ئىشچى تىزىمغا ئېلىنغان. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە شەنشى خوڭتۇڭ ناھىيىسى گۇاڭشېڭسى كەنتىدىكى قارا خۇمداندىن قۇتقۇزىۋېلىنغان 31 نەپەر قۇل ئورنىدا خارلانغانلار ئىچىدە ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بار.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قارا خۇمدان ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەسئۇل ئورۇنلار ئادىلنىڭ زۇۋانىنى چۈشىنەلمىگەچكە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن باشقىنى بىلەلمىگەن.

دائىرىلەر شەنشى خوڭتۇڭنىڭ قارا خۇمدانلىرىدا ھايۋاندىن بەتتەر خورلىنىپ قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنغان بۇ ئىشچى ھەم بالا ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ جازانىخور ھۆددىگەرلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىلغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك مېيىپ قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە توققۇزىنىڭ ھەتتا ئەقلىي جەھەتتىنمۇ مېيىپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار ئېلان قىلدى.

يىل بۇيى يۇيۇنۇشقا يول قويۇلمىغانلىقتىن بۇ ئىشچىلارنىڭ بەدەنلىرىنى تەمرەتكە،يارىلار بېسىپ كەتكەن، ئۇلار چاچلىرى ئۆسۈپ ياۋا ئادەملەردەك بولۇپ قالغان،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ زەخمىلەندۈرۈلگەن، بەزىلىرىنىڭ بەدەنلىرىدىكى يارىلىرىدىن قان يىرىڭ ئېقىپ تۇرغان، ئۇلار كۈندۈزدە 14، 15 سائەت ئېغىر خۇمدان ئەمگىكىگە سېلىنىپ، كېچىسى زەنجىرلەر بىلەن كىشەنلەپ قويۇلغان، ئۇزاق مۇددەتلىك ئېغىر ئەمگەك ھەم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نەتىجىسىدە بەزىلىرى پۇتىنىمۇ يۆتكىيەلمىگىدەك ھالدا ماغدۇرسىزلانغان. ئۇلارنىڭ يېتىپ ‏- قوپۇش ھەم يەپ ‏- ئىچىشى بىرلا كىچىككىنە غارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن كىشى تۇنجۇقۇپ قالغۇدەك سېسىق پۇراق كېلىپ تۇرىدىكەن. ئادەم قېلىپىدىن چىققان خۇمدان ھۆددىگىرى بۇ ئىشچىلارنى ئادەم بېدىكلىرىدىن 300 ‏- 500 يۈەنگە سېتىۋېلىپ شۇنچە قاتتىق خورلاپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىپ بىر تىيىن ئەمگەك ھەققىىمۇ بەرمىگەن.

شەنشى خەۋەر تورىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 31 نەپەر ئىشچى قۇتقۇزىۋېلىنغاندىن كېيىن، قارا خۇمدان جايلاشقان يېزىلىق، ناھىيىلىك ھەمدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەمدە خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايلىق مائاشىنى 940 يۈەن ھېسابلاپ بەرگەندىن باشقا، مىڭ يۈەندىن ھال سوراش پۇلى بەرگەن.

6 - ئاينىڭ5 ‏- كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە بۇ ئىشچىلارنىڭ 8 نەپىرى ئۆزلىكىدىن كېتىپ قالغان بولۇپ خەۋىرى بولمىغان، يەنە 23 نەپىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان، ھازىرغىچە دائىرىلەر بۇلارنىڭ توققۇزىنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ بارغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان،ئەمما يەنىلا 14 نەپەرىنىڭ ھازىر نەدىلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئادىل ھەققىدىكى مەلۇمات چەكلىك

ئۇنداقتا ئادىلچۇ ؟ ئۇنىڭ ئەقلى ‏- ھوشى، سالامەتلىكى قانداق ؟ ئۇمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇلدىمۇ ؟ ئۇ ھازىر قەيەردە ؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن شەنشىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشتۇق.

شەنشى ئۆلكىسى خوڭتۇڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل ئەترىتىدىكى بۇ ساقچى بىزگە، بۇ جايدىكى قارا خۇمداندىن قۇتقۇزۇلغانلار ئىچىدىكى ئادىلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خاتىرىلەنگەن ماتېرىيالدا، ئۇنىڭ ئەقلى ھوشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكى ئەمما ئۇنىڭ تىلىنى چۈشىنەلمىگەچكە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلىكىدىن باشقا ئەھۋال ئىگەللەش مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، قۇتقۇزۇۋېلىنغان 31 كىشى ئىچىدە ئادىلدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى تەۋەسى توغراق يېزىسىدىن بولغان ياۋ شۇچاڭ ئىسىملىك بىر كىشىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەمدە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ يەنە، ساقچى دائىرىلىرى قېچىپ كەتكەن باش جىنايەتچى بولغان خوڭتوڭ گۇاڭشېڭسى كەنتىدىكى قارا خۇمدان ھۆددىگەرىنى تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا قۇتقۇزېۋېلىنغانلارنىڭ باشقا ئىشلىرىنى ئىگىلەشكە يېتىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

"ئادىلنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلمىدى"

بىز يەنە شەنشى ئۆلكىسى خوڭتۇڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلاشتۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت خادىمىمۇ" ئادىلنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ئەمما، ئۇ خىتاي تىلىنى بىلمىگەچكە باشقا ئەھۋاللىرىنى بىلەلمىدۇق . قۇتقۇزىۋېلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇرتلىرىغا يولغا سېلىنغان. ئادىلمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئادىلنىڭ قايتىپ بارغان ‏- بارمىغانلىقى ھەققىدە تېخى ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدۇق. بىزمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز،" دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىن بىرەر كىشى ياكى ئورۇننىڭ ئادىلنى سۈرۈشتە قىلغان ‏- قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ " ئەپسۇس ھازىرغىچە ئادىل ھەققىدە ھېچكىم بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىدى. سىلەر بىرىنچى قېتىم ئادىلنى سوراۋاتىسىلەر،" دېدى.

ئادىل گەرچە قارا خۇمداندىن قۇتۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئىز دېرىكى تېخى ئېنىق ئەمەس، ھېچكىم ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇ كىمدىنمۇ ياردەم سورار ؟ ئەجىبا، ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقان قېرىنداشلىرى يوقمۇ، ياكى ئۇ ئۇنتۇلغانمۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىمۇ ئادىلغا ئىگە چىقمىدىمۇ؟ ئادىل نەگە كەتتى؟ئادىل سىز قەيەردە؟

بىز ئادىلنىڭ ئەھۋالى ھەمدە قارا خۇمدان ۋەقەسىنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز. (گۈلچېھرە)