بالىلار ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق بىر كۈن


2007.05.31

"1- ئىيۇن" بالىلار ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق بىر كۈن. چۈنكى بۇ كۈن كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى، بالىلارغا ئاتالغان بىر كۈن. بۇ كۈن ئۇلارنىڭ بايرىمى. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ كۈننى تەشنالىق بىلەن كۈتمەيدىغان بىرمۇ بالا بولمىسا كېرەك؟ بالىلار بايرامنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا ھەر خىل خام خىياللاردا بولسىمۇ، ئەمما بالىلارغا ئاتالغان مۇشۇ بىر كۈنمۇ، كۆپ ھاللاردا ئاتا -ئانىلارنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ ھەتتا مەكتەپ،ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتىدۇ. ئاتا ‏- ئانىلارغا مەسلىھەتىمىز،ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ بىر كۈن بالىلارغا تەئەللۇق بولسۇن. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىگە قۇلاق سالايلى...

بىز بالىلارنىڭ، بايرىمىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ئۆتۈشىنى تىلەش بىلەن تەڭ، تۆۋەندىكى بايراملىق سوۋغىمىز ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر بالىلىرىغا گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بالىلار ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان كۈن

1- ئىيۇن بالىلار بايرىمى كۈنى، بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بۇ كۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك، خوشال ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بىر كۈن. بەزى بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەتتا تۇغۇلغان كۈنىدىنمۇ مۇھىم بىر كۈن.

شۇڭا ئۇلار بۇ كۈننىڭ ھەقىقىي خوجايىنى بولۇشنى ئويلايدۇ. چۈنكى بۇ كۈن ئۇلارغا مەنسۇپ. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا بايراملىق قىزغىن سالام يوللايمىز. شۇنداقلا رادىئودىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل سۆزى شۇكى " سۆيۈملۈك بالىلار سىلەرنىڭ كۈلكەڭلار بىزنىڭ شادلىقىمىز."

پۈتۈن دۇنيادا بالىلارنى قوغداش، بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھەر قانداق دۆلەت، مىللەت ھەم ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى ھەممىدىن كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تەشۋىقاتتا "بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، بالىلار ھەممىدىن مۇھىم... " دېگەندەك شوئارلار تەكىتلەنسىمۇ بالىلارغا ئەمەلىي كۆڭۈل بۆلۈش يەنىلا يېتەرسىز.

بالىلار ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان بايرام كۈنىدىمۇ، يەنىلا چوڭلار ياكى ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى سىياسىي تەشۋىقات مۇددىئاسى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەبرىكلەش يىغىنى، بايراملىق سەنئەت كېچىلىكى، ۋە ھەر خىل مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بالىلارغا بېسىم ھەم توزاقلار قۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار بايرىمىنىڭ مەزمۇنى، " ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيىنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش" تەربىيىسىنى ئاساس قىلىدۇ

بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرلۈك ئاخبارات ھەمدە ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ بايرامنى ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىي بىر خىل سۈنئىي پائالىيەتلەر ئىسكەنجىسىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، بۇ يىل بالىلار بايرىمىدا قانداق يېتەكچى ئىدىيە بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھەر قايسى مائارىپ ھەمدە تەشۋىقات ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ،مەكتەپ ھەمدە باشقا كوللېكتىپلارغا ئۆتكۈزۈلىدىغان بالىلار بايرىمى پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈچنى سۆيۈش يەنى" ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيىنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش " تەربىيىسىنى ئاساس قىلىش يوليورۇقىنى بەرگەن ئىدى.

شۇنىڭغا بىنائەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشلاپ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، يېزىلاردىكى مەكتەپلەردىمۇ بالىلار بايرىمىدا " ئۈچنى سۆيۈش " نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، " ئۈچنى سۆيۈش " سەنئەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. بالىلار بولسا مۇشۇ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ھەمدە تاللىنىش ئۈچۈن بىر قانچە ئاي بۇرۇنلا جىددىي تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىغان. شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 31 - مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3000 بالا قاتناشقان خەلقئارا بالىلار بايرىمى قوش تىللىق نوتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىدە خىتاي بولمىغان ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغىمۇ خىتاي تىلىدا نوتۇق سۆزلەش تەلىپى قويۇلغان.

شىنخۇئا تورىنىڭ 31 - ماي بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولغان ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئۈرۈمچىدىكى قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار بايرىمى پائالىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدىمۇ بالىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىشنى ئۇنتۇمىغان بولۇپ، ئۇ بىر يەسلى بالىلىرىغا " ياخشى ئۆگىنىپ، سىياسىي ساپالىق ئىنسان بولۇپ، كەلگۈسىدە سوتسىيالىزم قۇرغۇچى ياراملىق ئىز باسار بولۇڭلار "دېگەن. تەربىيىچىلەرگە بولسا " ئۆسمۈر‏- بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭگونى، كوممۇنىستىك پارتىيىنى سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇلارنى كەلگۈسىدە جۇڭگوغا جاۋاب قايتۇرالايدىغان ئەۋلاد قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك"دەپ تەكىتلىگەن.

بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزنىڭ ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئاتا ‏- ئانا بولغۇچى ياكى بوۋا ‏- موما بولغۇچى ۋە ياكى تەربىيىچى ئىخلاسمەنلىرىمىزگە بالىلارنىڭ بايرىمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇشنى، پەندى ‏- نەسىھەت، تەربىيە ياكى سىلەر ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان سۈنئىي پائالىيەتلەرگە مەجبۇرلاشتىن خالى ھالدا، خوشال ئۆتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. بالىلارنىڭ كۆڭۈل تىۋىىشىگە قۇلاق سېلىڭلار.

تۆۋەندە، مەلۇم تور بەتتە نامسىز بىر شائىر ئېلان قىلغان " بالىلارنىڭ ۋەتىنى " ناملىق شېئىرنى سىلەرگە سۇندۇق. بۇ مىسرالار بالىلارنىڭ ھەقىقىي شادلىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە سىزنى ئويلارغا چۆمدۈرسە ئەجەپ ئەمەس. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.