بالىلارغا بايراملىق تىلەكلەر


2006.06.01

ئەسسالام سۆيۈملۈك بالىلار، بايرىمىڭلار گۈل چېچەكلەرگە پۈركەنسۇن، قەلب ئاسمىنىڭلار ئۈمۈدلەرگە تولسۇن!

سىلەرنىڭ شاتلىقڭلار دۇنيانىڭ شاتلىقى، ھەر بىر ئىنساننىڭ بالىلىقى بولغان، شۇنداقلا ھەر بىر ئىنساننىڭ بالىلىقىمۇ ئاجايىپ غارايىپ مەزمۇنلارغا تولغان بولىدۇ. سىلەر ئۆز ئاتا- ئاناڭلارنىڭ،بوۋا- موماڭلارنىڭ بالىلىقىنى، بۈگۈنكىدەك بايرام كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى سوراپ كۆرگەنمۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئاتالغان پروگراممىمىزدا، ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىقىپ دۇنيا ئىلىم پەن ساھەسىگە ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشۇۋاتقان تىرىشچان ئالىم، دوكتور تاغا ھەدىلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە سۇنغان تىلەكلىرىدىن گۈل -دەستە تەييارلاپ سىلەرگە سۇندۇق.

بۈگۈنكىدەك بايرام كۈنىڭلاردا ئامېرىكىدا ھەر قايسى كەسپلەردە، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قازىنىۋاتقان، تىرىشچان، پەخىرلىك تاغا ھەدىلەر سىلەرگە بايراملىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى سوغا قىلماقچى، قېنى ئۇلار كىملەر؟ ئۇلارنىڭ بالىلىقى قانداق ئۆتكەن ؟ سىلەرنى رادىئو دولقۇنلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قوياي.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى، ئالەم بوشلۇقى ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىق تاغاڭلار ۋە ئامېرىكا يۇتا شىتاتى ئونىۋېرستىتىدا رەيھان ئىسىملىك، بىر 30 ياشلاردىكى ئۇيغۇر پراففىسور ھەدەڭلار بار. ئۇلارنىڭ بالىلىق كۈنلىرى ۋە قانداق قىلىپ ھازىرقى پەخرلىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىلەرگە بولغان تىلەكلىرىنى ئاڭلاشنى خالامسىز؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.