بالىلار ئويۇنچۇقى شىركىتى - ماتتېل، خىتايدا ئىشلەنگەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئويۇنچۇقنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى


2007.08.02

باش شتابى نيۇ-يوركقا جايلاشقان بالىلار ئويۇنچۇقى شىركىتى: ماتتېل، بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى خىتايدا ئىشلەنگەن بىر يېرىم مىليون دانىگە يېقىن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن مەزكۇر ئويۇنچۇقلارغا ئىشلىتىلگەن سىردا، ئادەمگە زىيانلىق كۆپ مىقداردا قوغۇشۇن تەركىبى بايقالغان.

"خىتايدا ئىشلەنگەن" دېگەن خەت ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى بولۇپ قالدى

خىتايدا ئىشلەنگەن سانائەت ۋە يېمەك- ئىچمەك بۇيۇملىرىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆپلەپ كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كىيىن، دۇنيا مىقياسىدا، "خىتايدا ئىشلەنگەن" دېگەن خەتنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى بولۇپ قېلىشقا باشلىدى.

مۇشۇ يىلى باھاردا، ئامېرىكىدا ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ھايۋانات يېمەكلىكىنى يەپ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەندىن باشلاپ ئامېرىكىدا خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا بىر خىل ئاگاھ بولۇش تۇيغۇسى شەكىللەنگەن ۋە ئامېرىكا دورا- دەرمەك ۋە يىمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۇرغۇن ھايۋانات يېمەكلىرىنى يىغىۋالغان ئىدى.

2- ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوم ئويۇنچۇق شىركىتى ماتتېل، ئۆزى بازارغا سالغان، ئەمما خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلاردا بىخەتەرلىك مەسىلىسى سادىر بولغانلىقى سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك يېغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ ئاخبارات ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت ماتتېل شىركىتى يىغىۋالماقچى بولغان ئويۇنچۇقلارنىڭ سانى بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، مەزكۇر ئويۇنچۇقلارغا ئىشلىتىلگەن سىرنىڭ تەركىبىدە ئادەمگە زىيانلىق قوغۇشۇن ماددىسى بايقالغان.

ھازىر ۋىرگىنىيە شىتاتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دوختۇر فورتەيجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوغۇشۇن بىر خىل ئېغىر مەدەن ماددا بولۇپ ئۇ ئادەمنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ نېرۋا تۈگۈنلىرىگە زەخمەت يەتكۈزۈپ، بالىلاردا مالىخۇليا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىكەن ھەمدە، چوڭلاردا قان ۋە مېڭە بىنورمال ھالەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن ، قوغۇشۇن بىلەن ياكى ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان شۇلتا بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇچراشقاندا بۆرەك كېسىلى ۋە باشقا ئىچكى ئەزا كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ماتتېل شىركىتىنىڭ ئاپتوماتىك تېلېفون ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار 2007- يىلى 5- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىگىچە پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدا سېتىلغان ماللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

100 مىڭغا يېقىن ئويۇنچۇق ئەنگلىيىدە سېتىلغان

ماتتېل شىركىتى ئىجرائىيە رەئىسى روبېرت ئېكېر، خېرىدارلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بىز بۇ يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر بىر خېرىداردىن كەچۈرۈم سورايمىز " دېدى ۋە خېرىدارلار بىلەن شىركەت ئارىسىدا يېتىلدۈرۈلگەن ئىشەنچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھازىر يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ماتتېل شىركىتىنىڭ ھەمشىرە شىركىتى: فېشىر پرايس شىركىتىمۇ ياۋروپاغا ساتقان 83 خىل مەھسۇلاتىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان بولۇپ، ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا 100 مىڭغا يېقىن بۇ خىلدىكى ئويۇنچۇق ئەنگلىيىدە سېتىلغان ئىكەن.

بۇ نۆۋەت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار ئىچىدە، تەييارلىق سىنىپ ئويۇنچۇقلىرى، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى كىچىك بالىلار ئارىسىدا قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان، ئالتۇن چاچ قىز باربىي، ئېكسپېدىتسىيىچى دورا، كۈنجۈت ( سىم-سىم) كوچىسى پروگراممىسىدىكى ئوبرازلاردىن، چوڭ قۇش، ئېلمو قاتارلىقلار بار.

ماتتېل شىركىتى خادىملىرى، خىتايدا ئىشلەنگەن بۇ ئويۇنچۇقلاردا ھازىرچە زەھەرلەنگەن ياكى زەخىملەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئاتا-ئانىلارنى بۇ ئويۇنچۇقلارنى ئىشلەتمەسلىككە دەۋەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكا بازارلىرىدىن يىغىۋېلىنىش ئېلانى چىقىرىلغان 1 مىليونغا يېقىن مەھسۇلاتنىڭ 30 پىرسەنتى دۇكانلارغا سېلىنغان.

خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ 99 پىرسەنتى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتىدە 2- ئاۋغۇست بېرىلگەن خەۋەردە، خىتاي مەركىزى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىمى ۋەي چۇاڭجۇڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، ئۇ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2- ئاۋغۇست، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ 99 پىرسەنتى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئىقتىساد گېزىتىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جەف دائىرنىڭ بازار ئاممىۋى رادىئوسىغا شاڭخەيدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ماتتېل شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نىسبەتەن تېخى كونكرېتنى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭ دائىرىلىرى، غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاي ماللىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى مۇبالىغە قىلىۋەتتى دەپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ھەرىكەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان ھەم ئىككى شىركەتنى تاقىغان، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى قولغا ئالغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.