ماتتېل خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى يەنە بىر قېتىم يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى


2007.09.05

ToyMattel-200.jpg
ئامېرىكىنىڭ ماتتېل شىركىتى چەكلەپ يىغىۋالغان ئويۇنچۇقلارنىڭ بىرى بولغان، "باربىي ۋە تەننېر"، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھرىدىكى دۇكانلاردىنمۇ يىغىۋېتىلگەن. 2007 - يىلى 15 - ئاۋغۇستتىكى بۇ سۈرەتتە، بۇ خىلدىكى قونچاق ئويۇنچۇقنىڭ سېتىشتىن توختۇتۇلغانلىقى ئۇختۇرۇش قىلىنغان. AFP PHOTO/Mark RALSTON

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق شىركىتى ماتتېل، خىتايدا ئىشلىتىپ بازارغا سالغان بىر تۈركۈم بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يەنە بىر قېتىم يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا ئىشلىتىلگەن سىر تەركىبىدە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولغان كۆپ مىقداردىكى قوغۇشۇن بايقالغان.

بۇ، ماتتېل شىركىتىنىڭ ئۆتكەن 5 ھەپتە جەريانىدا خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى 3- قېتىم يىغىۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3- قېتىم يىغىۋېلىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ سانى 800 مىڭ دانىدىن ئاشىدۇ

-4 سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا جايلاشقان ئويۇنچۇق شىركىتى ماتتېل خىتايدا ئىشلىتىپ بازارغا سالغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا ئىشلىتىلگەن سىر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قوغۇشۇن بايقالغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ تۈردىكى ئويۇنچۇقلارنى 3- قېتىم يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى. بۇ نۆۋەت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار ئىچىدە، كىچىك بالىلار ئارىسىدا كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن قونچاق قىز باربي ۋە ئويۇنچۇق پويىز زاپچاسلىرى بار بولۇپ، جەمئىي يىغىۋېلىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ سانى 800 مىڭ دانىدىن ئاشىدۇ.

مەزكۇر شىركەت ئالدىنقى ئايدا ئىككى قېتىم خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلارنىڭ سانى 21 مىليون دانىدىن ئاشىدۇ.

4- سېنتەبىر ماتتېل شىركىتى ماتتېل شىركىتىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بوب ئېكېرت بايانات ئېلان قىلىپ ئۆز خېرىدارلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " بۇ ھادىسە تۈپەيلى سىلەردىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بالىلىرىڭلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەن ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويىدىغان ئىش" دېدى ھەمدە خېرىدارلارنىڭ ئۆز شىركىتىگە بولغان ئىشەنچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوب ئېكېرت يەنە " يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان بىز بىر نەچچە قېتىم بەزى مەھسۇلاتلىرىمىزنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردۇق. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق ياساش شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شۇنى ھۆددە قىلىمىزكى، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن ۋەدىمىزنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىمىزنى ئوينايدىغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۈچۈن بەرگەن تەۋرەنمەس ۋەدىمىزنى ئىزچىل ئاقلايمىز" دېدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ كىشىلەرنى خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلماقتا

ماتتېل شىركىتى ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ خېرىدارلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان پەيتلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ كىشىلەرنى خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلماقتا ئىدى.

BBC دا خىتاي سەھىيە مىنىستىرى چېن جۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، چېن جۇ: " مەن ھەر بىرىڭلارغا شۇنى جاكارلايمەنكى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېشىنىڭلار" دېگەن ۋە خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا بولغان بۇ خىل سەزگۈرلۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىلا كۆرگەنلىكتىن كېلىپ چىققان، دېگەن.

ماتتېل شىركىتى ئۆز تور بېتىگە يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ماتتېل شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىكى يوشۇرۇن مەسىلىلەر مەزكۇر شىركەت ئېلىپ بارغان چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىسىدا بايقالغان ۋە ئاكتىپلىق بىلەن بۇ قېتىملىق يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆتكەن ئايدا ماتتېل شىركىتى ئۆزى بازارغا سالغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا زەھەرلىك ماددا ۋە بالىلارغا زەخمەت يەتكۈزىدىغان ماگنىت بايقالغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 20 مىليونغا يېقىن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋالغان ئىدى.

دىك دۇربىن 27- ئاۋغۇست يەنە، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ماتتېل شىركىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلغاندىن كىيىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دېموكرات دىك دۇربىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تاۋارلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئەيىبلەپ، ئويۇنچۇق زاۋۇتلىرى باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى چوقۇم ئاكتىپ ھالدا قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

دىك دۇربىن 27- ئاۋغۇست چىكاگو شەھىرىدە يەنە، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ئۈستىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: " دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياسىلىۋاتقان ئويۇنچۇقلار ئامېرىكىنىڭ ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە لايىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىستېما تۇرغۇزۇپ چىقىش كېرەك" دېگەن ئىدى.

كىرستوفېر دېۋېرېئۇكس":ئۇلار بارلىق مەھسۇلاتنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى تەپسىلىي تەكشۈرگەن بولۇشى كېرەك"

بازار ( Market Place) رادىئوسىدا، چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدىن مال ئېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان شىركەت چىناساۋۋي(ChinaSavvy) شىركىتىنىڭ دىرېكتورى كىرستوفېر دېۋېرېئۇكس چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ توختاملاشقان خىتاي شىركەتلىرىنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ماتتېل شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىن ئېكسپورت قىلغۇچە تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: "مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغان يېرى، ئۇلارنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىدا قانداق چاتاقنىڭ چىققانلىقى. چۈنكى ئۇلار بارلىق مەھسۇلاتنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى تەپسىلىي تەكشۈرگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. قارىماققا ئۇلار مۇنداق قىلمىغاندەك قىلىدۇ" دېدى. ئۇ يەنە ، خىتايغا سودا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن چەتئەل شىركەتلىرى ئۆز ئالدىغا بىر قاتار سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماشىنا بالونى، چىش پاستىسى ، ئىلمە- توقۇلما ماللار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خىتاي ئېكسپورت ماللىرىدا بىخەتەرلىك ۋە سۈپەت مەسىلىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇردى.

بۇ يىل مارتتا ئامېرىكىدا، نۇرغۇن ئەرمەك ھايۋانلار خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ھايۋانات يېمەكلىكىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ئۇندىن باشقا پانامادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان چىش پاستىسىدىن زەھەرلىنىپ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتلار بىخەتەرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ نازۇك مەسىلىگە ئايلىنىپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ماللىرىغا نىسبەتەن بىرخىل ئاگاھ بولۇش تۇيغۇسى شەكىللىنىشكە باشلىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.