ئۇيغۇرلاردا بالىلارنى تەربىيىلەش ئۇسۇلى


2007.07.04

ئۇيغۇرلار بالىلارنى تەربىيىلەشتە ھەقىقەتەن ئۈلگىلىك مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلاردىكى گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل ئادەتلەرنىڭ تا ھازىرغىچە شۇ مىللەتنىڭ ئېسىللىكىنى نامايان قىلغان ھالدا داۋام قىلىپ كەلگەنلىكى ئۇلاردىكى ئەۋلاد تەربىيىسىنىڭ ئېسىللىكىدىن كېلىپ چىققان بىر ئىش.

بالا تەربىيىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم ئابدۇلھەكىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار بالاغەت ياشلىرىغا يېتىشى بىلەن ئۇلار ھەرخىل ئۇيۇن ـ تاماشالار ۋە كۆڭۈل ئېچىشلار ئارقىلىق بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بۇ دەۋر ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەڭ دىققەتلىك بولۇشىغا تېگىشلىك بولغان ئەھمىيەتلىك بىر دەۋرىدۇر.

بالىلارنى بۇ ياشلىرىدا، تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان پاكىز، تەن ـ تەربىيە ۋە باشقىمۇ ئىجابىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل قىلمىغاندا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يامان ئادەتلەرگە ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قىيىن بولىدۇ، ھەتتا مۇمكىن بولمايدۇ.

شۇڭا ئاتا ـ ئانىلار يوقىرىقى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۇرۇنلاش بىلەن بىرگە بالىلىرىنى ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز يامان دوستلاردىن ئوزاقلاشتۇرۇشى، جىنسىي ھەۋەسىنى ئۆرلىتىدىغان ھاياسىز فىلىملارنى، ئەدەپسىز سۈرەتلىك جۇرناللارنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىشى ۋە بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئەڭ زىيانلىق بولغان تاماكا، ھاراق، زىنا ـ پاھىشە قاتارلىق يامان ئىشلاردىن ئۇلارنى قەتئىي چەكلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇلار ھاراق، تاماكا ۋە پاھىشە قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ. ۋە قاتتىق سەسكىنىدۇ. بالىلىرىنى بۇ خىل يامان ئادەتلەردىن ساقلاش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشىدۇ.

بالىلارمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ياكى چوڭلىرىنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىشتىن ھەتتا تاماكا چېكىشتىنمۇ قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدۇ. ئۇيغۇرلار چوڭلارنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلانى قىلىشنى چوڭ ئەدەبسىزلىك دەپ بىلىدۇ.

تاماكا، ھاراق ۋە زىنانىڭ زىيىنى

تاماكا ــ دوختۇرلارنىڭ ئىسپاتلىشى بويىچە، ــ ئۆپكە ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى، راك، سىل، نەپەسنىڭ سىقىلىشى ۋە جىسىمنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ئەخلاققا ۋە ئىقتىسادقا زىيانلىقتۇر.

ھاراق ــ ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ــ پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ باشلامچىسى ۋە گۇۋاھچىسىدۇر.

شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنى: "پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ ۋە پاسكىنىچىلىقلارنىڭ ئانىسى" دەپ سۈپەتلىگەن. ھاراق پۈتۈن تۈرلىرى بىلەن ھارامدۇر. پېۋا، شامپانىيەلەرمۇ ھاراقنىڭ تۈرلىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: " مەس قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھاراقتۇر. ھاراقنىڭ ئېزىمۇ ۋە كۆپىمۇ ئوخشاشلا ھارامدۇر" دەپ كۆرسەتكەن.

زىنا ـ پاھىشە بولسا، كىشىنى "ئەيدىز" دىن ئىبارەت ئىپلاس كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ، جەمئىيەتنى كىرلىتىدۇ، ئىپپەت ـ نومۇسنى بۇزىدۇ، ئۆزىنى ۋە ئاتا ـ ئانىسىنى يەرگە قارىتىدۇ، مۇندىن باشقا، تۈرلۈك رەزىللىكلەرگە ۋە بەخىتسىزلىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ. زىنا ـ پاھىشە ئائىلىلىكلەرنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلايدۇ، بالىلىرىنى يېتىم قىلىدۇ، بەختنى شاقاۋەتكە، مۇھەببەتنى نەپرەتكە ئايلاندۇرىدۇ. شەرىئەت ھۆكمى بىلەنمۇ زىنا ـ پاھىشە ئەڭ ئېغىر گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ زىنا ـ پاھىشىنى "يامان يول" دەپ سۈپەتلىگەن. كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىنى نابۇت قىلىدىغان زىنا ـ پاھىشىدىن باشقا يامان يول بارمۇ!؟

ئابدۇلھەكىم ھاجىم بالىلارنى يامان ئادەتلەرنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرۇلۇق توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: "شۇڭا ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى تاماكا، ھاراق ۋە زىنا ـ پاھىشە قاتارلىق ئىنساننىڭ ئەقلىگە ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن مەنئى قىلىشتا: "ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار." ۋە "ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار." دېگەن ئىبارىلەرنى سۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرىقى يامان ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان."

ھازىرقى زامان تىببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنلىرىدىمۇ: "تاماكا، ھاراق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش كىشىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ"، "تاماكا، ھاراق كىشىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆلتۈرىدىغان قاتىلى" ۋە "زىنا ـ پاھىشە كىشىنى ئاخىرى ئۆلۈم بىلەن تۈگىشىدىغان نىجىس كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ" دەپ قەيت قىلىنغان.

ئابدۇلھەكىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنى يامان ئادەتلەرگە كۆنۈپ قېلىشتىن توسۇشنىڭ بىر چارىسى، ئاتا ـ ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىشى لازىم. دۇنيادا ھېچكىم بالىلىرىنىڭ يامان ئەخلاقلارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. بۈنداق ئىكەن، بالىلىرىنى بۇ ئىشلاردىن توسۇشتا، ئۇلارنىڭ يۈرۈش ـ تۇرۇشلىرىغا، بارىدىغان سورۇنلىرىغا ۋە ئارىلىشىدىغان دوستلىرىغا ئالاھىدە نازارەتچى بولۇشلىرى كېرەك. ساغلام تەنلىك كىشىلەرنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا، جەمئىيىتىگە يەتكۈزىدىغان پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. (توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.