ئۇيغۇر ئېلى بالىلىرىنىڭ قەنت- گېزەك ۋە ئويۇنچۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلچەمسىز


2007.06.01

" 1- ئىيۇن" بالىلار بايرىمى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ خوشاللىق بىر كۈنى. ئاتا ئانىلارمۇ ئارزۇلۇق بالىلىرىنىڭ بايرامنى خوشال -خورام ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن پىلانلارنى تۈزىدۇ ھەمدە بايراملىق ئالاھىدە سوۋغاتلارنى تەييارلاپ بالىلىرىنى تازا خوش قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەپسۇس ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ قېتىملىق بالىلار بايرىمىدا بازارغا سېلىنغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدىن تارتىپ بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان قەنت‏- گېزەكلەرگىچە كۆپ قىسمىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمەسلىكى يەنى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنىڭ پاش بولۇشى ئاتا ‏- ئانىلارنى ئەندىشىگە سالدى. بالىلارنى ئەپسۇسلاندۇردى. ئاتا ‏- ئانىلاردا "بالىغا زادى بايراملىق نېمىمۇ سوغا قىلارمەن" دېگەن سوئال پەيدا قىلدى.

بالىلارنىڭ خاتىرجەم ئىستىمال قىلغۇدەك نېمىسى بار؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ھەمدە بىر بالا سىياسىتى بىلەن، خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئاتا ‏- ئانىلارنىڭ ئارزۇلۇق بالىلىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەك ھەم ئويۇنچۇقلىرى ئۈچۈن كۆپلەپ چىقىم قىلىشى تەبىئىي ھالدا ئومۇملىشىۋاتقان ئەھۋال. بولۇپمۇ 1- ئىيۇن بالىلار بايرىمى ھارپىسى تۈرلۈك بالىلار ئىسـتىمال بويۇملىرى ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان مەزگىل، بازاردىكى رەڭگارەڭ، خىلمۇ ‏- خىل ئويۇنچۇقلار ئەلۋەتتە بالىلارنى قىزىقتۇرماي قالمايدۇ.ئەمما بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ قانچىلىكى سۈپەتلىك؟

ئاتا ‏- ئانىلار ئىيۇن بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ سوۋغات تەييارلاۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۈپەت ۋە تېخنىكا نازارەت قىلىش ئورگانلىرى ھەمدە سودا ‏- سانائەت باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودا ساراي ھەم ماگىزىنلاردىكى بالىلار بويۇملىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تازىلىق ھەم سۈپەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلار ئىستىمال قىلىۋاتقان كۆپ قىسىم يېمەكلىك ھەم ئويۇنچۇقلار ۋە كىيىم كېچەكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغانلىقى پاش بولدى.

بالىلار ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلار خەتەرلىك

يەنى شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 31 - ماي خەۋەر ئېلان قىلىپ مەخسۇس ئاگاھلاندۇرۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى بازارلىرىدىكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە، بىخەتەرلىك تازىلىق، سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن ئويۇنچۇقلار % 50 كىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، 15 تۈرلۈك ئويۇنچۇق پەقەتلا سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەندىن سىرت، بەش خىل ئويۇنچۇقنىڭ ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت نامىمۇ يوق ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە بازاردىكى كۆپ قىسىم رەختتىن تىكىلگەن بالىلار قونچاقلىرىنىڭ ئىچىگە ئەخلەت ماتالار سېلىنغانلىقىنى ئۇنىڭدا تۈرلۈك كېسەل مىكروپلىرى بار بولۇپ، ئەگەر بالىلار بۇ خىل كېرەكسىز ھەم زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئۇقماستىن يەۋالغاندا، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئېلېكترونلۇق ھەم پىلاستىكىدىن ياسالغان ئويۇنچۇقلارمۇ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولۇپ، بالىلار بۇ خىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينىغاندا كۆز،قۇلاق ھەم تېرىسىنى يارىلاندۇرۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

ئۈرۈمچى ئىستېمالچىلار پاش قىلىش ئورنىمۇ يېقىندىن بۇيان سۈپەتسىز ھەم خەتەرلىك ئويۇنچۇقلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئەرز تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار 1 - ئىيۇن 8 - نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە ئاتا -ئانا ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى سېتىۋالغاندا چوڭ دۇكانلاردىن سېتىۋېلىشىنى، ئويۇنچۇقلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۈچ ئۆلچەم كىنىشكىسىگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنتىماسلىقىنى، ئويۇنچۇقلارنى بالىلارنىڭ يېشىغا قاراپ مۇۋاپىق تاللىشىنى، قىزىقارلىق بولۇشنىلا ئەمەس بىخەتەر بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ تاللىشىنى ئاگاھلاندۇرغان.

كىيىم‏- كېچەكلەر سۈپەتسىز

ئەمدى بالىلارنىڭ كىيىم ‏- كېچەكلىرىچۇ ؟ دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ كىشىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بازارلىرىدىكى بالىلار كىيىم‏- كېچەكلىرىنىڭ لاياقەتلىكى % 42.9 بولۇپ، بالىلار ئاياقلىرىنىڭ 61.3 %، بالىلار كۆز ئەينىكىنىڭ بولسا % 23.2 تىلا لاياقەتكە توشقان.

بالىلار كىيىم ‏- كېچەك ھەم ئاياغلىرىدا كۆرۈلگەن سۈپەت مەسىلىلىرى ئاساسەن، كىيىملەرنىڭ ماتېرىياللىرىدا تېرە ياللۇقلاندۇرىدىغان خىمىيىلىك توقۇلمىلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، بەدەنگە زىيانلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۆپ بولۇشى، كىيىمگە قوشۇمچە تىكىلگەن زىننەت بويۇملىرى ھەمدە سىرتما، رېزىنكا،تۈگمىلەرنىڭ خەتەرلىك بولۇشى، ھەتتا بەزى كىيىملەردە راك پەيدا قىلغۇچى خەتەرلىك ئىلمىنتلارنىڭ بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ خىل مەسىلە بار كىيىم ‏- كېچەكلەر ھەم ئاياغ ۋە باشقا بالىلار زىننەت بويۇملىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ھەم سېتىلىشى، تەكشۈرۈشتىن كېيىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم مەسىلە كۆرۈلگەن سۈپەتسىز بويۇملارنىڭ زاۋۇت ئادرىسلىرىمۇ بولمىغاچقا ھازىرچە ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش ۋە تەدبىر كۆرۈش توسالغۇغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

لېكىن، ئىلگىرى سېتىلغان بۇ خىل بويۇملارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانچىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزىۋاتقانلىقى نامەلۇم.

بالىلار يىمەكلىرى زەھەرلىك

ئاتا ‏- ئانىلار ئۈچۈن بالىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىدىنمۇ مۇھىم نەرسە بولمىسا كېرەك. يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ ساغلاملىقىدىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى.

سىز بالىلارنىڭ يىمەكلىرىغۇ بىخەتەردۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئەپسۇس، بۇ سوئالغىمۇ ياق دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بالىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار خاتىرجەم يېگۈدەك يېمەكلىك تېپىشمۇ قىيىنغا توختايدىكەن.

يەنى سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلار ئىستىمال قىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ لاياقەتلىك نسبىتى ئاران % 28.1 كە يەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، كۆپ قىسىم بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەك ھەم قەنت ‏- گېزەكلەر تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەندىن سىرت، يەنە ئۇلاردا كۆپ خىل زىيانلىق ماددىلار كۆرۈلگەن.

تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىزلىكى ئېنىقلانغان قەنت ‏- كېزەك تۈرلىرى ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ شەندۇڭ ھەمدە بېيجىڭ قاتارلىق جايلىرىدىكى بەزى زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن سۈتلۈك كەمپۈتلەردىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، ئىلى قاتارلىق جايلىرىدىكى قىرىقتىن ئارتۇق كەمپۈت زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىگەن سۈتلۈك كەمپۈت، ئېرىس كەمپۈت ھەمدە شاكىلات قاتارلىق 42 خىل مەھسۇلاتىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەمدە تەم كىرگۈزگۈچى سالامەتلىككە زىيانلىق ماددىلار بولۇپ بىردەك سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشى چەكلەنگەندىن سىرت،زاۋۇتلار بىر مەزگىل ئىشتىن توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپ ھەمدە بالىلار باغچىلىرىدا، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ يېمەكلىكتىن ئوپچە زەھەرلىنىش ھادىسىلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. بۇ ھادىسىلەر ئاساسلىقى مەكتەپ ھەمدە مەكتەپ ئۆپچۆرىسىدىكى ئاشخانىلارنىڭ تازىلىقىنىڭ ناچار بولۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك 31 - ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە يېمەك ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئورۇنلار بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىكى 71 ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى ئاشخانا ھەمدە يېمەكلىكلەر دۇكانلىرىنىڭ تازىلىقى ھەمدە مىكروبسىزلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا 1 - ئىيۇن بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئاشخانىلارنىڭ يېمەكلىك جابدۇقلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيىلىنىش ئۆلچىمىگە يەتكىنى ئاران % 4 بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ ھەمدە بالىلار باغچىسى ئەتراپىدىكى ئاشخانىلارنى كۆتۈرىگە ئالغان يەككە تىجارەتچىلەر، پەقەت پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ، ئاشخانىنىڭ تازىلىقى ھەمدە يىمەكلەرنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن.

كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بۇ ئاشخانىلارنىڭ لاياقەتكە يەتكىنى ئاران % 4 بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ % 97 نىڭ ئۆلچەمگە يەتكەنلىك كىنىشكىسى بار ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، گەرچە سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپى بۇيىچە بۇ ئاشخانىلارغا دېزىنفېكسىيىلەش ساندۇقلىرى قويۇلغان بولسىمۇ،ئاشخانا خوجايىنلىرى بۇ ساندۇقلارنى پەقەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا تىزىپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە بولسا، چىنە -قاچا ھەمدە چوكا - قوشۇقلىرىمۇ ھېچقاچان دېزىنفېكسىيەلەنمەيدىكەن.

مەكتەپ ئەتراپىدىكى بۇ خىل ئاشخانىلارنىڭ تازىلىقى ئومۇميۈزلۈك ناچار بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، ھەر خىل ئاشقازان ھەمدە ئۈچەي يولى ياللۇقلىرى بىلەن جىددىي يۇقۇملىنىش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى يىمەكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يېتىشىگە يەنە بەش يىل بار

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلار يېمەكلىكىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە يېتىشى شۇنچە تۆۋەن ھەمدە بۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، 30 - ماي شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورنى خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقنىڭ خاتىرجەم ھالدا يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنە بەش يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېمەكلىك مەنبەسىدىن باشلاپ تەرتىپكە سېلىپ قاتتىق سۈپەت ئۆلچىمى بۇيىچە باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا كىشىلەر كۈندە ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات، ئاشلىقلارنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، خىمىيىلىك ئوغۇت، تەم كىرگۈزگۈچى ھەمدە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ھەمدە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە قوللىنىۋاتقان ھورمۇنلۇق دورا ۋە يەم خەشەكلەرنىمۇ كونترول قىلىپ، مەخسۇس قانۇن ھەم نىزاملار بىلەن سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان سېستىما تۇرغۇزۇش كېرەك ئىكەن. مانا بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاز دېگەندە بەش يىل جەريان كېتىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.